ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ( Upper Endoscopy ياكى Gastroscopy ) : بىر تال كامېرا ۋە يورۇقلۇق مەنبەسى بار ئىنچىكە ئۇزۇن يۇمشاق ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ( endoscope ) نى قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەزىدە ئېغىزغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش، ئاشقازان شىلەڭكىسى تەكشۈرۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
گەرچە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم نىسبەتەن بىخەتەر تەكشۈرۈش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا بەلگىلىك خەۋپ – خەتەر ۋە ئەكس تەسىر مەۋجۇت.
1. ئاشقازان ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟
گەرچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە چوڭ بىر مەسىلىگە يولۇقمىسىمۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا يوشۇرۇن خەۋپلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
تېشىلىش : ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ دىۋارىنى بۇزۇۋېتىشى ياكى تېشىۋېتىشى مۇمكىن ( Perforation ). بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە ھەر 1000 قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 1 گە يەتمەيدۇ، لېكىن ئەگەر يۈز بەرسە، ئوپېراتسىيە قىلىپ ياماش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
قاناش : ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا تىرىك توقۇلما ( biopsy ) ئالسا، ياكى مونچاق گۆش ( polyp removal ) نى كېسىۋېتىشكە توغرا كەلسە، يېنىك دەرىجىدىكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قاناش ئادەتتە بىر قەدەر ئاز بولىدۇ ھەمدە ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ ياكى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قان توختىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئېغىر قان چىقىش بەلكىم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا داۋالاش كېرەك.
يۇقۇملىنىش : گەرچە ئاشقازان ئەينىكى ئۈسكۈنىلىرى ئۆلچەملىك تازىلانغان ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋاللاردا يەنىلا يۇقۇملىنىش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئادەتتە مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىكى ئۈسكۈنىلەر ئۆلچەملىك دېزىنفېكسىيە قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق بۇ خەتەرنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
ناركوز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋپلەر : ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتە ئادەتتە يەرلىك ئورۇننى ناركوز قىلىش ياكى يېنىك دەرىجىدە تىنچلاندۇرۇپ ناركوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىدە پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىلگەن تىنچلاندۇرۇش دورىسى بولسا نەپەسلىنىشنى تورمۇزلاش، تۆۋەن قان بېسىمى ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
2. ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئەكس تەسىرى بارمۇ؟
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ، بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكس تەسىرى ئادەتتە يېنىك دەرىجىدە ھەم قىسقا ۋاقىتلىق بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
يۇتقۇنچاق – كېكىردەك بىئارام بولۇش : ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى كېكىردەك ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچكە كىرگەچكە، تەكشۈرگەندىن كېيىن يېنىك دەرىجىدە يۇتقۇنچاق – كېكىردەك ئاغرىش ياكى غىدىقلىنىش ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل بىئاراملىق ئادەتتە بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يوقايدۇ.
قورساق كۆپۈش ياكى قورساق بىئارام بولۇش : تەكشۈرۈش جەريانىدا، دوختۇر ھاۋا كىرگۈزۈپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىدۇ، بۇ تەكشۈرگەندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قورساق كۆپۈش ياكى قورساق يېنىك بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كۆڭلى ئېلىشىش ياكى قۇسۇش : بەزى كىشىلەر تەكشۈرگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز قىلىنغان ياكى تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا، لېكىن بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ناھايىتى تېزلا يوقاپ كېتىدۇ.
3. تەكشۈرۈشتىكى خېيىم خەتەرنى ۋە ئەكىس تەسىرنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟
تەجرىبىلىك دوختۇرنى تاللاڭ : تەجرىبىسى مول دوختۇر ۋە كەسپىي داۋالاش ئەترىتى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى خەتەرنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.
بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى دوختۇرغا تولۇق ئۇقتۇرۇش كېرەك : تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن، بىمار دوختۇرغا ئۆزىنىڭ بار بولغان كېسەللىكلىرى ( مەسىلەن : قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى ، زىققە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر… ۋە باشقا ھەرقانداق كېسەللىكلەر ۋەيا ئالامەتلەر )، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى ياكى ئىچىۋاتقان دورا ( بولۇپمۇ قان سۇيۇلدۇرغۇچى دورا ۋە قان ئۇيۇشقا قارشى دورا ) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش كېرەك. دوختۇر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگەندىلا، مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە قولايلىق بولىدۇ.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆزىتىش : ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىمارغا دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل كۆزىتىش، بولۇپمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، نورمال ھالەتكە قايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
4. قاچان جىددىي داۋالىنىش كېرەك
ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەگەر تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك:
1. داۋاملىق ياكى كۆپ مىقداردا قاناش ( مەسىلەن، قان قۇسۇش ياكى چوڭ تەرەتتىن قىپقىزىل ۋەيا قاپقارا قان كېلىش ).
2. قورساق قاتتىق ئاغرىش ياكى كۆكرەك ئاغرىش.
3. قىزىش ياكى تىترەش .
4. نەپەس قىيىنلىشىش ياكى باشقا بىنورمال كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك.
ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش بىر خىل بىخەتەر، ئۈنۈملۈك دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى بولۇپ، دوختۇرنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى مەسىلىلەرنى بايقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. گەرچە بەلگىلىك خەۋپ – خەتەر ۋە ئەكس تەسىر مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئەھۋاللار يېنىك ۋە قىسقا بولىدۇ. تەجرىبىسى مول داۋالاش ئەترىتىنى تاللاش ھەمدە ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى يېتەكچىلىككە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق، خەتەرنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى ھەمدە تەكشۈرۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.