بوۋىقىڭىزنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىياپىتىنى كۆرۈش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك دەقىقىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەمما، بۇ خاتىرجەملىككە دائىم بىر ئەندىشە ھەمراھ بولىدۇ: «بالام بىخەتەر ئۇخلاۋاتامدۇ؟». بولۇپمۇتۇيۇقسىز بوۋاقلار ئۆلۈپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى (SIDS)ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېڭى ئاتا-ئانىلارنى ئالاھىدە تەشۋىشلەندۈرىدۇ.
SIDS نىڭ ئېنىق سەۋەبى تېخىچە نامەلۇم بولسىمۇ، ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاددىي ۋە ئېنىق بولغان بىخەتەر ئۇخلاش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق، بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

تۇيۇقسىز بوۋاقلار ئۆلۈپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى (SIDS) دېگەن نېمە؟
تۇيۇقسىز بوۋاقلار ئۆلۈپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى SIDS (Sudden Infant Death Syndrome) — بىر ياشتىن تۆۋەن، قارىماققا پۈتۈنلەي ساغلام بىر بوۋاقنىڭ، ئادەتتە ئۇخلاۋاتقاندا، ھېچقانداق ئېنىق سەۋەبسىز تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۆپىنچە 2-4 ئايلىق بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
SIDS نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان %100 كاپالەتلىك ئۇسۇل بولمىسىمۇ، تۆۋەندىكى«بىخەتەر ئۇخلاشنىڭ ئالتۇن قائىدىلىرى» گە ئەمەل قىلىش، بوۋىقىڭىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.
بىخەتەر ئۇخلاشنىڭ ئالتۇن قائىدىلىرى
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى (AAP) ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سەھىيە ئورگانلىرى تۆۋەندىكى قائىدىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
1. ھەمىشە كارىۋىتىدا ياتقۇزۇڭ
بۇ ئەڭ مۇھىم قائىدە. بوۋاقنىھەر قېتىم ئۇخلىغاندا، مەيلى كېچىسى بولسۇن ياكى كۈندۈزى قىسقا ئۇخلىغاندا بولسۇن، چوقۇمئۆز كارۋىتىدا ياتقۇزۇڭ.
- نېمە ئۈچۈن؟ كارۋىتىدا ياتقاندا بوۋاقنىڭ نەپەس يولى پۈتۈنلەي ئوچۇق بولىدۇ. قورساقتا ياكى يانداپ ياتقاندا، بوۋاق يۈزىنى تۆشەككە بېسىۋېلىپ، ئۆزى چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىدنى قايتا سۈمۈرۈۋېلىش ياكى تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى ئاشىدۇ.
- ئەنسىرەش:«ياتىقىدا ياتسا، قۇسۇپ تۇنجۇقۇپ قالماسمۇ؟» — ياق. ساغلام بوۋاقلارنىڭ رېفلېكسى ئۇلارنى قۇسۇقتىن قوغدايدۇ، ياتىقىدا ياتقاندا بۇ خەۋپ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
2. قاتتىق ۋە تۈز تەكشىلىكتە ئۇخلىتىڭ
- مەنىسى نىمە؟ بوۋاق چوقۇم بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە لاھىيىلەنگەن كارىۋاتتا ئۇخلىشى كېرەك. ياغاچ كارىۋات بولسا ئەڭ ياخشى. ئىچىگە تولۇق كېلىدىغان ئەدىيال ياكى كۆرپە سېلىنىشى كېرەك. چۈنكى چوڭ بولۇپ قالسا، قاتىلىشىپ قالىدۇ، كىچىك بولسا بوۋاقنىڭ قول پۇتى ئارىلىققا كىرىپ قېلىش خەتىرى بولىدۇ.
- قەيەردە ئۇخلىماسلىق كېرەك؟يۇمشاق يۈزلەر، مەسىلەندىۋان ، چوڭلار كارىۋىتى، سۇ كارىۋىتى ياكى ئورۇندۇق شەكىلدىكى تەكشىسىز ياستۇق ياكى كۆرپە سېلىنغان كارىۋاتلارقاتارلىقلاردا بوۋاقنى ئۇخلىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك.
3. كارىۋاتنى بوش قالدۇرۇڭ
بوۋاقنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىدە پەقەت بوۋاقنىڭ ئۆزىلا بولسۇن. كارىۋىتى ئىچىگە ھېچقانداق نەرسە قويماڭ:
- يۇمشاق يوتقان-كۆرپە، ئەدىياللار
- ياستۇقلار
- كارىۋات قورشاۋلىرى
- ھايۋانات ئويۇنچۇقلارياكى باشقا يۇمشاق ئويۇنچۇقلار
نېمە ئۈچۈن؟ بۇ نەرسىلەر بوۋاقنىڭ نەپەس يولىنى توسۇۋېلىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىش ياكى قاپسىلىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.
4. ئاتا-ئانا بىلەن بىر ئۆيدە، ئەمما ئايرىم كارىۋاتتا ئۇخلاش
- بوۋاقنى ئاتا ئانا بىلەن بىر ئۆيدە، ئەمما ئۆزىنىڭ ئايرىم كارىۋىتىدە ياكى بۆشۈكىدە ئۇخلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ كەم دېگەندە 6 ئاي، ئەڭ ياخشىسى 1 ياشقىچە داۋاملىشىشى كېرەك.
- بىر ئۆيدە ئۇخلاشنىڭ پايدىسى:بوۋاقنى كۆزىتىش، ئېمىتىش ۋە تەسەللى بېرىش ئاسان بولىدۇ. تەتقىقاتلار بۇنىڭ SIDS خەۋپىنى %50 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
- نېمە ئۈچۈن بىر كارىۋاتتا ئۇخلاش خەتەرلىك؟ئاتا-ئانىلار ئۇخلاپ قالغاندا تاسادىپىي بوۋاقنى بېسىۋېلىش، يوتقان-كۆرپە بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇش ياكى بوۋاقنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بار.
5. ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ
- بوۋاقنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەڭ ياكى قېلىن يۆگىمەڭ. ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى چوڭلار راھەت ھېس قىلىدىغان دەرىجىدە تۇتۇڭ (تەخمىنەن 20-22°C).
- بوۋاققا چوڭلار كىيگەن كىيىمدىن بىر قەۋەت كۆپرەك كىيگۈزسىڭىز يېتەرلىك.
6. تاماكىدىن يىراق تۇرۇڭ
- ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە تۇغۇتتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ. بوۋاق بار ئۆيدە ھېچكىمنىڭ تاماكا چېكىشىگە يول قويماڭ. تاماكىغا ئۇچراش SIDS خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
7. ئېمىزىك ئىشلىتىشنى ئويلاڭ
- تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇخلاش ۋاقتىدا ئېمىزىك ئىشلىتىش SIDS خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
- دىققەت: ئانا سۈتى بېرىش يولغا قويۇلۇپ بولغۇچە (تەخمىنەن 3-4 ھەپتە) ساقلاڭ. ئېمىزىكنى زورلىماڭ، ئەگەر ئۇخلاپ قالغاندا ئاغزىدىن چۈشۈپ كەتسە، قايتا سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئېمىزىككە ھېچقانداق ئاسقۇچ ياكى لېنتا باغلىماڭ. لېنتا ياكى يىپ بوينىغا چىگىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
كۆپ ئۇچرايدىغان سوئال-جاۋابلار (FAQ)
1-سوئال : بالام ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈۋالسا قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب:بوۋاق ئىككى تەرەپكە (ياتىقىدىن قورساققا ۋە قورساقدىن ياتاققا) ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلەلەيدىغان بولغاندا، ئۇنى ئۆزى ياقتۇرغان ھالەتتە ئۇخلىشىغا قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىز ھەر قېتىم ئۇنى كەرىۋاتقا سالغاندا چوقۇم ياتىقىدا ياتقۇزۇشىڭىز كېرەك.
2-سوئال : يۇمشاق يوتقان-كۆرپە نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟ ئۇخلاش خالتىسى بىخەتەرمۇ؟
جاۋاب:يۇمشاق يوتقان بوۋاقنىڭ يۈزىنى ئاسانلا يېپىپ قېلىپ، تۇنجۇقۇش ۋە ئىسسىپ كېتىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.ئۇخلاش خالتىسىئەدىيالنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان كىيگىلى بولىدىغان بىر خىل بىخەتەر تاللاش بولۇپ، بوۋاقنى ئىسسىق تۇتىدۇ ھەمدە يۈزىنى يېپىۋېلىش خەۋپى بولمايدۇ.
3-سوئال: كارىۋات قورشاۋلىرى چىرايلىق ھەم بوۋاقنى سوقۇلۇشتىن ساقلايدىغاندەك قىلىدۇ، نېمىشقا ئىشلەتمەسلىك كېرەك؟
جاۋاب: ئۇلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. ئۇلار تۇنجۇقۇش ۋە قاپسىلىپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. ھازىرقى زامان بىخەتەر كەرىۋاتلىرىنىڭ رېشاتكىلىرىنىڭ ئارىلىقى يېتەرلىك بىخەتەر بولۇپ، بوۋاقنىڭ بېشى قىسىلىپ قالمايدۇ.
بوۋىقىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىم. يۇقىرىدىكى ئاددىي ئەمما ھاياتىي مۇھىم قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش، SIDS ۋە باشقا ئۇيقۇغا مۇناسىۋەتلىك پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىڭىزدۇر. بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىڭىز بىلىپلا قالماي، بوۋىقىڭىزغا قارايدىغان بارلىق كىشىلەر (مومىلىرى، بوۋىلىرى، بالا باققۇچىلار) بىلەن ئورتاقلىشىڭ. ھەر بىر بوۋاق بىخەتەر ئۇيقۇغا ھوقۇقلۇق.


