ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرسەھىيە خەۋەرلىرىبىر ئوكۇل بىلەن بىر يىلغىچە قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان دورا چىقتىمۇ؟

بىر ئوكۇل بىلەن بىر يىلغىچە قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان دورا چىقتىمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى» (NEJM) دا بىئو دورىگەرلىك شىركىتى Alnylam نىڭ Zilebesiran ئىسىملىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنىڭ بىرىنچى كلىنىكىلىق سىناق نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ھازىر كىلىنىكىلىق داۋالاشتا، يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش ئۈچۈن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، تابلېتكا شەكىلدىكى دورىلار ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى بىر ئىككى تال ئىستىمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما Zilebesiran ئىسىملىق بۇ دورا ئوكۇل شەكىلدە بولۇپ، تېرە ئاستىغا ئوكۇل شەكىلدە ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر يىلغىچە قان بېسىمى نورمال سەۋىيىدە تۇتقىلى بولىدىكەن. گەرچە بۇ پەقەت بىرىنچى باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناقنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ ، ئەمما دەرھال كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغىغان.

بىر ئوكۇل بىلەن بىر يىلغىچە قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان دورا چىقتىمۇ؟

يۇقىرى قان بېسىم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، سەكتە ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ھازىر ، پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ 1/3 يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ.

Alnylam شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى دورىنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بەزى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق باھا بەرگەن: «بۇ يېڭى بىر خىل داۋالاش ئەندىزىسى بولۇپ، ئەگەر بۇ دورا ھەقىقەتەن ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرەلىسە، بىمارلارنىڭ دورىغا ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، كۈندىلىك دورىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋەيا باشقا سەۋەبلەردىن دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ناھايىتى ياخشى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ دورا كلىنىكىلىق سىناقنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىنلا NEJM غا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ژۇرنالدا ئېلان قىلالىنىشى، بۇ دورىنىڭ كېلىچىكىگە ناھايىتى كۆپ مۇتەخەسسىسلەر ئۈمىدۋار كۆز قاراشتا قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ».

ئەمما ھەرقانداق دورا كىلىنىكىلىق داۋالاشقا كىرىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك. يەنى بۇ ئوكۇل شەكىلدىكى دورىنى رەسمىي شەكىلدە بازارغا سېلىش ئۈچۈن يەنە 4-5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بىمارلار يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا ، Zilebesiran دورىسى ئاساسلىقى ئانگىئوتىنسىن (angiotensin) نىڭ بىردىنبىر ئالدىن ماددىسى بولغان ئانگېئوتىنسىنوگېن (angiotensinogen) گە تەسىر قىلىپ، بىمارنىڭ قان بېسىمىنى نورمال سەۋىيىدە كونترول قىلىش ئىكەن. رېنىن-ئانگىئوتىنسىن-ئالدوستېرون سىستېمىسىنىڭ بىنورمال ئىشلىشى يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ، بۇ دورا كۆپىنچە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا ماس كېلەلەيدۇ.

 

«يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى» (NEJM) دىكى ماقالە ئادرېسى تۆۋەندە:

Zilebesiran, an RNA Interference Therapeutic Agent for Hypertension

https://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMoa2208391

تەييارلىغۇچى:نۇرمەمەت دوختۇر
مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-24 / 09:29:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ