يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بوۋاقلاردا يۈز بېرىدىغان ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. IVH قان چوڭ مېڭىنىڭ قېرىنچە بوشلۇقىغا كىرگەن ئەھۋانى كۆرسىتىدۇ. چوڭ مېڭە قېرىنچىسى نورمالدا مېڭە سۇيۇقلۇقى بولىدۇ ، ئەگەر بۇ قىسىمغا قان ئېقىپ كىرىپ مېڭە سۇيۇقلۇقىغا ئارىلىشىپ كەتسە، بوۋاقنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Intraventricular Hemorrhage , IVH
تۈركچە ئىسمى: İntraventriküler kanama, İVK
خەنزۇچە ئىسمى: 脑室内出血
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) كېسەللىك سەۋەبلىرى
بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. پىشىپ يېتىلمىگەن مېڭە قان تومۇرلار : بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭە قان تومۇرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ ۋە ئاسان يېرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ قان بېسىمى داۋالغۇپ تۇرغان ياكى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىش تۇراقسىز ئەھۋالدا تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ.
2. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولغانلار : بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن ( يەنى ئورۇق بوۋاقلار ) بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمىغاچقا، ئاسانلا قان چىقىدۇ.
3. تۇغۇت جەريانىدىكى زىيادە ئىنكاس : تۇغۇت جەريانىدا، بوۋاق زىيادە بېسىمنى باشتىن كەچۈرۈپ، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنىڭ بىلەن قاناش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
4. مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش : نەپەسلىنىشتە مەسىلە چىقىپ ، دوختۇرخانىدا يېتىشقا توغرا كەلگەن ۋە نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ئىشلىتىش ئىھتياجى بولغان بوۋاقلاردا ئاسانلا مېڭە قېرىنچىسىدىن قاناش كۆرۈلىدۇ.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش كېسىلى تۈرگە ئايرىلىشى
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) ئادەتتە يىنىك – ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:
I دەرىجىلىك قاناش : مېڭە قېرىنچىسىنىڭ گىرۋەك رايونى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، قاناش بىر قەدەر يېنىك.
II دەرىجىلىك قاناش : قان مېڭە قېرىنچىسىغا كىرىدۇ ، لېكىن مېڭە قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
III دەرىجىلىك قاناش : قاناش مېڭە قېرىنچىسى ئىچى قانغا تولۇپ، قېرىنچە بوشلۇقىنىڭ زىيادە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ( مېڭىگە سۇ يىغىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ).
IV دەرىجىلىك قاناش : قاناش مېڭە ئۇيۇل ماددىسى ( مېڭە توقۇلمىسى ) غا كېڭىيىپ ، مېڭە مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كېسەللىك ئالامىتى
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش يۈز بەرگەندە، بوۋاقتا تۆۋەندىكى بىر ۋەيا بىرقانچە ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:
بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىش.
بوۋاقنىڭ ئىنكاسى بىنورمال ئاستا بولۇش.
تۇتقاقلىق كېسىلى كۆرۈلۈش، تارتىشىپ قېلىش.
نورمالسىز مۇسكۇل ھەرىكەتلىرى.
بوۋاق بېشىنىڭ لىپىلدىقى ( بوۋاقنىڭ بېشى يۇمشاق رايون ) تومپىيىپ قىلىش.
لېكىن ، بەزىدە مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى ۋەيا ۋاقتىدا بايقالماسلىقى مۇمكىن.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) دىئاگنوز قويۇش
باش ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشى : بۇ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى بولۇپ ، بىمارنىڭ كارىۋات يېنىدا تۇرۇپلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن بىخەتەر ھەم ئۇيغۇن بولغان تەكشۈرۈش ھېساپلىنىدۇ.
CT ياكى MRI : بەزى ئەھۋاللاردا ، دىئاگنوزنى تېخىمۇ جەزىملەشتۈرۈش ۋە بەزى داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ، تېخىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈش نەتجىسى بېرىدىغان تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) داۋالاش
قوللاش خاراكتېرلىك پەرۋىش : قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە تۇراقلىق بولغان ئوكسىگېن ئىشلىتىش ئارقىلىق قاناشنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئوپېراتسىيە : مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ئېغىرلاشقان ئەھۋالدا، ئوپېراتسىيە ( مەسىلەن، مېڭە قېرىنچىسىنى پۇنكىسىيە قىلىش ياكى بۆلۈپ ئاققۇزۇش ئوپېراتسىيەسى ) ئارقىلىق مېڭىگە سۇ يىغىلىشنى يېنىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
دورا بىلەن داۋالاش : بەزىدە دورا ئارقىلىق تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كونترول قىلغىلى ياكى مېڭە ئىششىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى
كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى قاناش دەرىجىسى ۋە بوۋاقنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالىغا باغلىق. يېنىك دەرىجىدىكى IVH ( I ۋە II دەرىجىلىك ) نىڭ ئاقىۋىتى ئادەتتە بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى IVH ( III ۋە IV دەرىجىلىك ) ئۇزاق مۇددەتلىك نېرۋا يېتىلىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن : مېڭە پارالىچى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) ئالدىنى ئېلىش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى پەرۋىش : ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ياخشى كۈتۈنۈش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
تۇغۇتتىن كېيىنكى پەرۋىش : خەتىرى يۇقىرى بوۋاقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن يېقىندىن كۈزىتىش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش، قاناش ۋەيا ئېغىرلىشىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش كېرەك.
مېڭە قېرىنچە ئىچى قاناش ( IVH ) بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەمما ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئەھۋال بولۇپ ،ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇيغۇن بولغان داۋالاش ئېلىپ بېرىش ، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى ھېساپلىنىدۇ.