ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلاريېڭى بايقاش: ۋىتامىن D يۈرەكنى ئاسرايدىغان ئەڭ ياخشى دورا

يېڭى بايقاش: ۋىتامىن D يۈرەكنى ئاسرايدىغان ئەڭ ياخشى دورا

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋىتامىن Dنىڭ كەمچىل بولۇشى كۈندىلىك زېھنىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق زىيانداش. ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، يېقىندا كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات يېڭى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن Dنى مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

يېڭى بايقاش: ۋىتامىن D يۈرەكنى ئاسرايدىغان ئەڭ ياخشى دورا

ۋىتامىن D بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىپ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ.

ئەمما، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆي ئىچىدىكى خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، دالا پائالىيىتىنىڭ ئازىيىشى بىزنىڭ ئاپتاپ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىزنى چەكلەپ ۋىتامىن D كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەتقىقات نەتىجىسىدە ۋىتامىن D سەۋىيەسى يېتەرلىك كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ۋىتامىن D كەمچىل كىشىلەرنىڭكىدىن %22 تۆۋەن بولغان. تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قانۇنىيەتلىك ھالدا ۋىتامىن D تولۇقلاش ئارقىلىق قان سەۋىيەسىنى نورمال دائىرىگە يەتكۈزىدىغان كىشىلەردە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ۋە مېڭە سەكتىسى يۈز بېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلغاندا بەدەندىكى ۋىتامىن Dنىڭ ساغلام سەۋىيەگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز؟

قۇياش نۇرى ۋىتامىن Dنىڭ ئەڭ تەبىئىي مەنبەسى. ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھالدا 15-20 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قۇياش نۇرى قول ۋە پۇتقا چۈشسە، تېرىنىڭ يېتەرلىك ۋىتامىن D ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەم يېتەرلىك قۇياش نۇرىغا ئېرىشىش، ھەم ھەددىدىن زىيادە ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن كېلىپ چىققان تېرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك ۋىتامىن Dغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم يول. تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەر بېلىق جىگىرى مېيى، چوڭقۇر دېڭىز سېمىز بېلىقى (مەسىلەن، رەڭلىك بېلىق، ماككېرېل بېلىقى)، تۇخۇم سېرىقى، كۈچەيتىلگەن دانلىق زىرائەتلەر ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، نوقۇل ھالدا يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق يېتەرلىك ۋىتامىن Dغا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ گۆشسىز تاماق يەيدىغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

قۇياش نۇرى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق يېتەرلىك ۋىتامىن Dغا ئېرىشەلمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، تولۇقلاش دورىسى بىر ئەمەلىي تاللاش بولۇپ قالدى. بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىلىرىدىن D2 ۋە D3دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە D3نىڭ بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى.

ئەمما، ۋىتامىن D نى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. كۆپ قوبۇل قىلىنسا، كالتسىي قان كېسىلى پەيدا بولۇپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قان تەكشۈرۈش، شەخسنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تولۇقلاش زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا مۇۋاپىق مىقداردا قان تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ۋىتامىن D تولۇقلاشتىن باشقا، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش يەنە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قەرەللىك ھەرىكەت قىلىش، تاماكا تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماينى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىردىن باشلاپ ۋىتامىن Dنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قوللانساق، بۇ ئاددىي ئۆزگىرىش يۈرەك ساغلاملىقىڭىزغا ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/27947407.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-28 / 07:44:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ