ئېغىز بوشلۇقى: ئىنگىلىزچە: mouth, oral cavity تۈركچە ağız boşluğu خەنزۇچە: 口腔 دەپ ئاتايدۇ.
يىمەك ئېغىزدىن كىرگەندىن كېيىن، چىشىمىز چايناپ ئېزىمىز، تۈكرۈك بېزىدىن چىققان تۈكۈرۈكلەر يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا، سىلىقلارشتۇرۇپ گەلدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. قانچە كۆپ چاينىسڭىز، ئاشقازىنىڭىزغا بولغان يۈك شۇنچە ئازلايدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى ئاساسەن يېمەكلىكلەرنى پەقەت ئېزىپ بېرىشكە مەسئۇل. يېمەكتىكى پايدىلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ.
ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا بەزى دورىلارنى تىلىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئېرىتىپ شۇ يەردىن ئۇدۇل قانغا كىرىشىگە ياردەم بېرىمىز. مەسىلەن: تۈركىيەدىكى تىلنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئېرىتىپ ئىستىمال قىلىدىغان قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى.
كالپۇك: 唇 dudak, lips كالپۇكتا قان تومۇر كۆپ جايلاشقان. شۇڭا باشقا تېرىلەرگە قارىغاندا قىزىلراق بولىدۇ. كالپۇكنىڭ رەڭگىگە قاراپ بەدەننىڭ بەزى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن كۆكىرىپ كەتكەندە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، بەك توڭلاپ كېتىش قاتارلىقلارنى بىلگىلى بولىدۇ.
تىل 舌, tounge, dil : نورمالدا ھەرىكەتلىنىش، يىمەكلەرنىڭ تەمىنى ئېلىش، تىلنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك بەزلەر ئارقىلىق تاماقلارنى سىڭدۈرۈشكە پايدىلىق ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىش رولىغا ئىگە. تىلنىڭ رەڭگىگە قاراپ بەدەننىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى توغرىسىدا بېكىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى تاپالايسىز.