ئاددىي ئاقسىل ھىدرولىزلىنىش جەريانىدا پەقەت ئامىنو كىسلاتاسىلا ھاسىل بولىدىغان، باشقا ماددىلارنى ھاسىل قىلمايدىغان ئاقسىلنى كۆرسىتىدۇ.

ئاددىي ئاقسىللارنى ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىسسىقلىق تەسىرىدە قېتىشىشچانلىقى ۋە ئېرىش دەرىجىسى قاتارلىق فىزىكىلىق – خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
- ئاق ئاقسىل:ئاساسلىقى ھايۋانلارنىڭ قان پلازمىسىدا مەۋجۇت بولىدۇ، مەسىلەن:ئادەمنىڭ قان زەردابىدىكى ئاق ئاقسىل، ئۇلار ئادەتتە سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئىسسىقتا ئاسانلىقچە قاتمايدۇ.
- شارچە ئاقسىل:ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىگە كەڭ تارقالغان، مەسىلەن، ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل، ئۇلارنىڭ ئېرىش دەرىجىسى ۋە ئىسسىقلىق تەسىرىدە قېتىشىشچانلىقى ئاق ئاقسىل بىلەن گلۇتېننىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ.
- دانلىق زىرائەت ئاقسىلى:ئاساسلىقى دانلىق زىرائەت ئۇرۇقىدىن كېلىدۇ، مەسىلەن:بۇغداي تەركىبىدىكى بۇغداي يېلىمى ئاقسىلى، ئۇلار سۇدا ئېرىمەيدۇ، ئىسسىقلىق تەسىرىدە قېتىپ قالىدۇ.
- ئىسپىرتتا ئېرىيدىغان ئاقسىل:بۇ خىل ئاقسىللار ئىسپىرت ئېرىتمىسىدە ئېرىيدۇ، مەسىلەن، كۆممىقوناقتىكى ئىسپىرتتا ئېرىيدىغان ئاقسىل.
- گىستون:ئاساسلىقى DNA بىلەن بىرىكىپ ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ،گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى كونترول قىلىشقا قاتنىشىدۇ.
- بېلىق جەۋھىرى ئاقسىلى:ئاساسلىقى بېلىقلارنىڭ ئىسپېرمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ، باكتېرىيەگە ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
- قاتتىق ئاقسىل:مەسىلەن، مۈڭگۈز ئاقسىلى چاچ، تىرناق قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق تەركىب.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاقسىل ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى، ھۈجەيرىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي ئورگانىك ماددا بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىپلا قالماي، يەنە ئورگانىزمنىڭ تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ، مەسىلەن، ئېنزىم، ھورمۇن، ئانتىتېلا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن.


