ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشئۆتكەن ئون يىلدا پۈتۈن دۇنيادا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئارقىلىق 70 نەچچە بوۋاق تۇغۇلغان

ئۆتكەن ئون يىلدا پۈتۈن دۇنيادا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئارقىلىق 70 نەچچە بوۋاق تۇغۇلغان

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ستات خەۋىرى ، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2024 – يىلى 16 – ئاۋغۇست بىيو تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان STAT نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك بىر تەتقىقاتنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 10 يىلدا پۈتۈن دۇنيادا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 20 ئايالنىڭ 14 ئى مۇۋەپپەقىيەتلىك قازانغان يەنى غەلىبىلىك كۆچۈرۈلگەن. كۆچۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئاياللار ئاز دېگەندە بىر بالا تۇغقان ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلغان بوۋاقتا تۇغما غەيرىيلىك كۆرۈلمىگەن. ئالتە كۆچۈرۈش مەغلۇپ بولغان مىسالىغا قارىتا، تەتقىقاتچىلار ئوپېراتسىيە ماھارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان. ئەمما ھازىرچە ، بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدە ئەخلاق، ئېتىكا ۋە باھا مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

ئۆتكەن ئون يىلدا پۈتۈن دۇنيادا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئارقىلىق 70 نەچچە بوۋاق تۇغۇلغانDonor: تەغدىم قىلغۇچى
Recipient: تەغدىم ئالغۇچى

تەتقىقاتچىلار بۇنداق كۆچۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋە تىرىك تۇغۇش نىسبىتىدىن خوشال بولغان. ئامېرىكا بېلى ئۇنىۋېرسىتېتى ( Baylor University ) بالىياتقۇ كۆچۈرۈش مېدىتسىناسىدىكى مۇدىر لىزا سېن ( Liza Johannesson ) مۇنداق دېدى : «بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، مەن ئۇنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بارلىق ئاياللارنىڭ تاللىشىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.» . لىزا سېن خانىم بۇ تەتقىقاتنىڭ ئورتاق ئاپتورلىرىدىن بىرسى.

بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ بىر خىلى بولۇپ، تەمىنلىگۈچى تەنچە ئادەتتە قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ يېشى بىلەن تەڭ بولۇش، تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولۇش، تىرىك تۇغۇش تارىخى بار، قان تىپى ماس كېلىش … قاتارلىق شەرتلەرنى قاندۇرۇشى كېرەك.

2021 – يىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەر ئاساسلىقى مۇتلەق بالىياتقۇ مەنبەلىك تۇغماسلىق كېسىلى ( absolute uterine factor infertility ،AUFI ) ۋە بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارلار ئىكەن. مۇتلەق بالىياتقۇ مەنبەلىك ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلى تۇغما بالىياتقۇ كەمچىل بولۇش ياكى بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، ھەر خىل داۋالاش مەنبەلىك ئامىللار بالىياتقۇنىڭ تۆرەلمە كۆچۈرۈش ۋە ھامىلىدارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان ھامىلدار بولالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ساغلام ئاياللارنىڭ %5 ~ %3 نى ئىگىلەيدۇ. بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۆپ ئۇچراۋاتقان ئەھۋال . ئىلگىرى بۇ تۈردىكى ھامىلدار بولالمىغان بىمارلار پەقەت بېقىۋېلىش ياكى ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئېرىشەلەيتتى، لېكىن ئېتىكا تالاش – تارتىشى مەۋجۇت بولغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇشنى قاتتىق چەكلىمەكتە. بۇلاردىن سىرت، بېقىۋالغان بالا، بۇ باققان ئانا بىلەن ئىرسىيەت جەھەتتە ئالاقىسى يوق، شۇڭا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش بىر خىل تاللاش سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان.

يەر شارى بويىچە تۇنجى بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى 2000 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قوبۇل قىلغۇچى 26 ياشلىق بىر ئايال، تۇغۇتتىن كېيىن قان چىقىپ بالىياتقۇسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن.. تەمىنلىگۈچى 46 ياشلىق كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى بىمارى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بالىياتقۇ كۆچۈرۈش پەقەت سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىلا سىناق قىلىناتتى.

2013 – يىلى، تۇغما بالىياتقۇسى كەمتۈك بىر بىمار شۋېتسىيەدە بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، تەقدىم قىلغۇچى بولسا ھەيز توختىغان بىر ئايال ئىدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولغان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولغان، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق بىر ساغلام ئوغۇل بوۋاق مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇغۇلغان. بۇ دۇنيا بويىچە خەۋەر قىلىنغان تۇنجى بالىياتقۇ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تىرىك تۇغۇش ھىساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، پۈتۈن يەر شارىدا جەمئىي 70 تىن ئارتۇق بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاق بار.

شۇ يەر ۋاقتى 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا بېلى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزى ( Baylor University Medical Center ) قورساق قىسم ئورگان كۆچۈرۈش مۇدىرى جۇلىيانو تېستا ( Giuliano Testa ) ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى «ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمىيىتى ژۇرنىلى» ( JAMA ) دا بالىياتقۇ كۆچۈرۈلگەن ئاياللارغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك سەپ تەتقىقاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان 20 نەپەر خانىم ئىچىدە ،14 نەپەر بالىياتقۇنى كۆچۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەمدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر تۇغما غەيرىيلىك بولمىغان تىرىك تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلغان. تەجرىبىگە قاتناشقان بارلىق ئاياللارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسى يوق، لېكىن ئاز دېگەندە بىر ئىقتىدارى نورمال تۇخۇمدان بار ئىكەن. كۆپ ساندىكى بالىياتقۇ تىرىك تەندىن ئىئانە قىلغۇچىدىن كەلگەن، ئىككىسى مەرھۇم ئىئانە قىلغۇچىنىڭ بەدىنىدىن كەلگەن.

تېستانىڭ ، 14 مىسال كۆچۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ۋە 6 مىسال كۆچۈرۈشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈردى. بۇ تەتقىقاتقا دەسلەپتە پەقەت 10 نەپەر بىمار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆچۈرۈش مەغلۇپ بولغان 6 نەپەر بىمار ئىچىدە 5 نەپىرى بىرىنچى تۈركۈمدە گۇرۇپپىغا كىرگەن. ئىككىنچى تۈركۈمدە گۇرۇپپىغا كىرگەن 10 بىمار ئىچىدە، پەقەت بىرىلا كۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى. تېستانىڭ قارىشىچە، بۇ تېخنىكىلىق مەغلۇبىيەت بولۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، مەسىلەن، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئەزالارنىڭ قان تومۇرىنى قانداق ئۇلىشى، قانداق تىكىش ماتېرىيالىنى ئىشلىتىشى، شۇنداقلا كۆچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بالىياتقۇنى قانداق تاللىشى قاتارلىقلار.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىياتقۇنى تەقدىم قىلىش ئوپېراتسىيەسى تەقدىم قىلغۇچىدا ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلىدىكەن، لېكىن باشقا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەس ئىكەن. تەتقىقات جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار بالىياتقۇنى ئېلىش ئۇسۇلىنى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىغا ئۆزگەرتتى.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بالىياتقۇ كۆچۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر تەتقىقاتچىلارنى ئىلھاملاندۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئېتىكا ئەخلاق مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىش، باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم ئېنىق ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەردۇر..

مەنبە:
More than 70 babies have been born from uterus transplants: ‘It’s a complete new world’

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-21 / 09:35:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ