ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكۈندە ئىككى تال ئالما يەپ بەرسە، خولېستېرىننى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن

كۈندە ئىككى تال ئالما يەپ بەرسە، خولېستېرىننى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كونىلاردا: «كۈندە بىر تال ئالما يېسىڭىز، دوختۇردىن يىراق تۇرىسىز» دەيدىغان گەپ بار. دائىم ئالما يەپ بەرگەندەۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىش، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشقاتارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيە رېئادىڭ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، دائىم ئالما يەپ بەرسە «ناچار» خولېستېرىن تۆۋەنلەپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

تەتقىقاتقا قاتناشقان قاندىكى خولېستېرىن تەركىبى يىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان 40 تەجرىبە ئوبيېكتى(23 ئايال، 17 ئەر)نىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 51 ياش، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 25.3(ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن).

تەجرىبە رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن،سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارغايېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىككى ھەپتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىغان، ئۇلار ئاساسلىقى پايدىلىق باكتېرىيە، ئۆسۈشكە پايدىلىق ئېلېمېنت ۋە ئالما تەركىبى بار ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشنى توختاتقان.

تەجرىبە باشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ھەر كۈنى ئىككى ئالما(ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېينكى ساپ ئېغىرلىقى 340 گرام) يېگەن، يەنە بىر گۇرۇپپا شېكىرى ئايرىۋېتىلگەن ئېنېرگىيەگە ماس كېلىدىغان سېلىشتۇرما ئىچىملىك ئىچكەن بولۇپ، ۋاقتى سەككىز ھەپتە بولغان.

ئىككى گۇرۇپپىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پەرقى شۇكى، ئالما تەركىبىدىكى پولىفېنول ۋە يېمەكلىك تالاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. كېيىنتۆت ھەپتە ئارىلىقتا(ئالدىنقى بىر خىل يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن)، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ يېمەك-ئىچمەك لايىھەسىنى تەڭشىگەن.

سىناق مەزگىلىدە، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈندىلىك ئىستىمال قىلغان باشقا يېمەك-ئىچمەكلەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ھەر ھەپتىدە تەتقىقاتچىلار ئۇلاردىن ئاچ قورساق ھالەتتە قان ئېلىپ، قاندىكى ماي، قان شېكىرى، ئىنسۇلىن قاتارلىق بىئوخىمىيە كۆرسەتكۈچ ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى، ياللۇغقا مۇناسىۋەتلىك بىيولوگىيەلىك بەلگىلەرنى تەكشۈرگەن.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 20 ھەپتىلىك سىناق مەزگىلىدە، ئۇلار ئالما ياكى سېلىشتۇرما يېمەكلىكلەردىن باشقا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، قەنت، ياغ ۋە ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ تەركىبى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن، يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى، بەدەندىكى مايغا تەسىر كۆرسەتمىگەن.

ئەمما ئالما يېيىش مەزگىلىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكىئومۇمىي خولېستېرىن مىقدارى ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن، ترىگلىتسېرىدنىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش رېئاكسىيەسى تېخىمۇ روشەن بولغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قاندىكى خولېستېرىن تەركىبى يىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغانلار ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسە، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ياخشىلايدىكەن.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-11 / 11:07:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ