تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيەسىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى ( 2- بۆلەك )
بىئولوگىيە — ھاياتلىق ئىلمى بولۇپ، جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، كېلىپ چىقىشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتلىقنىڭ مۇرەككەپ دۇنياسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم بىلىم ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئاتالغۇلار جانلىقلار دۇنياسىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ ماقالىدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيەسىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق ئاتالغۇلارنى تونۇشتۇرىمىز.
بۇ ئاتالغۇلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ھۈجەيرە، گېن، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە ۋە ئىنسان سالامەتلىكى قاتارلىق بىئولوگىيەنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدۇ. بۇ بىلىملەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ھاياتلىقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

AFP (Alpha-fetoprotein) (甲胎蛋白):
ئالفا فېتوپروتېن ئاساسلىقى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جنىنەكتە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاقسىل. چوڭلاردا قاندا بۇ ئاقسىلنىڭ يۇقىرى مىقداردا تېپىلىشى جىگەر راكى ياكى باشقا راك تۈرلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ راك ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ تەركىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ، راك دىئاگنوزىدا ئىشلىتىلىدۇ.
راك تۆرەلمە ئانتىگېنى (CEA) (癌胚抗原):
بۇ ئانتىگېن ئادەتتە جنىنەكنىڭ ئۈچەي ھۈجەيرىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، لېكىن چوڭلاردا بەزى راك تۈرلىرى، بولۇپمۇ يىرىك ئۈچەي راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ راكنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە ماددىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى (Organelle) (细胞器):
ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئالاھىدە فۇنكسىيەگە ئىگە كىچىك قۇرۇلمىلار بولۇپ، مىتوخوندىرىيە، رىبوسوم، ئېندوپلازما تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاپپاراتلار ھۈجەيرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ.
جانۇس كۆكى بوياق ئېرىتمىسى (Janus green B) (健那绿B染液):
مەخسۇس تىرىك ھۈجەيرىدىكى مىتوخوندىرىيە(خوندرىئوسوم)نى بويايدىغان بوياق بولۇپ، مىتوخوندىرىيەنىڭ ھاياتلىق فۇنكسىيەسىنى كۆزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇ مىتوخوندىرىيەنىڭ ئوكسىدلىنىش-قايتا ھاسىل بولۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بىئوپەردە سىستېمىسى (Bio membrance system) (生物膜系统):
ھۈجەيرە پەردىسى، ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى ۋە يادرو پەردىسى قاتارلىق ھۈجەيرە ئىچىدىكى پەردىلەر توپلىمى بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى مۇھىتىنى تەڭشەش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.
ھۈجەيرە يادروسى (Nucleus) (细胞核):
ھۈجەيرىنىڭ ئىرسىيەت ماتېرىيالى (DNA) ساقلىنىدىغان، ھۈجەيرە پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىدىغان مۇھىم ئاپپارات. ئۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى ۋە فۇنكسىيەسىنى باشقۇرىدۇ.
يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان ياكى تاياقچىسىمان خروموسۇم (Chromosome) (染色体):
ھۈجەيرە يادروسىدىكى DNA ۋە ئاقسىللارنىڭ زىچ قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىدە ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا تارقىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
بىئو پەردىنىڭ ھەرىكەتچان كىرىشمە مودېلى (Fluid mosaic model) (生物膜流动镶嵌模型):
ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرىدىغان مودېل بولۇپ، پەردىنىڭ سۇيۇق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ۋە ئاقسىللارنىڭ بۇ سۇيۇق قەۋەتكە كىرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
پاسسىپ توشۇلۇش (Passive transport) (被动运输):
ھۈجەيرە پەردىسى ئارقىلىق ماددىلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپ قىلماي يۇقىرى قويۇقلۇقتىن تۆۋەن قويۇقلۇققا يۆتكىلىشى. بۇ ئېنېرگىيەسىز يۈز بېرىدىغان توشۇلۇش ئۇسۇلىدۇر.
ئاكتىپ توشۇلۇش (Active transport) (主动运输):
ماددىلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، تۆۋەن قويۇقلۇقتىن يۇقىرى قويۇقلۇققا يۆتكىلىشى. بۇ ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدىغان توشۇلۇش ئۇسۇلىدۇر.
ئەركىن دىففۇزىيلىنىش (Free diffusion) (自由扩散):
ماددىلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى ئارقىلىق قويۇقلۇق پەرقىگە ئاساسەن بىۋاسىتە ئۆتۈشى، ئېنېرگىيە ياكى توشۇغۇچى ئاقسىل تەلەپ قىلمايدۇ.
ياردەملىك دىففۇزىيلىنىش (facilitated diffusion) (协助扩散):
ماددىلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى ئارقىلىق توشۇغۇچى ئاقسىللارنىڭ ياردىمى بىلەن، لېكىن ئېنېرگىيە سەرپ قىلماي ئۆتۈشى.
ھۈجەيرە مېتابولىزىمى (Cellular metabolism) (细胞代谢):
ھۈجەيرە ئىچىدىكى بارلىق خىمىيىلىك رېئاكسىيەلەر بولۇپ، ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ۋە ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ئېنېرگىيە (Activation energy) (活化能):
بىر خىمىيىلىك رېئاكسىيەنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئېنېرگىيە.
ئېنزىم (Enzyme) (酶):
جانلىقلارنىڭ خىمىيىلىك رېئاكسىيە سۈرئىتىنى تېزلەتكۈچى ئاقسىل ماددىسى.
ئادېنوزىن تىرى فوسفات (Adinosine triphosphate) (三磷酸腺苷):
ھۈجەيرىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ئېنېرگىيە پۇل بىرلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ھۈجەيرىنىڭ نەپەسلىنىشى (Cell respiration) (细胞呼吸):
ئوزۇقلۇق ماددىلاردىكى خىمىيىلىك ئېنېرگىيەنى ئېنېرگىيە پۇل بىرلىكى بولغان ATP غا ئايلاندۇرۇش جەريانى.
ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىش (aerobic respiration) (有氧呼吸):
ئوكسىگېن قاتنىشىدىغان نەپەسلىنىش جەريانى بولۇپ، كۆپ مىقداردا ATP ھاسىل قىلىدۇ.
ئوكسىگېنىسىز نەپەسلىنىش (Anaerobic respiration) (无氧呼吸):
ئوكسىگېن قاتناشمايدىغان نەپەسلىنىش جەريانى بولۇپ، ئاز مىقداردا ATP ھاسىل قىلىدۇ.
فوتوسىنتېىز (Photosynthesis) (光合作用):
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈن نۇرى ئارقىلىق كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇنى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش جەريانى.
ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشى (Cell proliferation) (细胞增殖):
بىر ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش ئارقىلىق يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش جەريانى.
يىپلىق بۆلۈنۈش (Mitosis) (有丝分裂):
بىر ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈپ، ئانا ھۈجەيرە بىلەن ئوخشاش ئىرسىيەت ئۇچۇرىغا ئىگە ئىككى قىز ھۈجەيرە ھاسىل قىلىش جەريانى.
ھۈجەيرە دەۋرىيلىكى (Cell cycle) (细胞周期):
بىر ھۈجەيرىنىڭ شەكىللىنىشىدىن باشلاپ بۆلۈنۈپ ئىككى قىز ھۈجەيرە ھاسىل قىلغۇچە بولغان پۈتۈن جەريان.
ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئارىلىقى دەۋرى (interphase) (间期):
ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، DNA كۆپەيتىلىدىغان ۋە ھۈجەيرە ئۆسىدىغان باسقۇچ.
بۆلۈنۈش دەۋرى (Mitotic phase) (分裂期):
ھۈجەيرىنىڭ ئەمەلىي بۆلۈنۈش جەريانى بولۇپ، يادرو بۆلۈنۈشى ۋە ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى بۆلۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھۈجەيرىلەرنىڭ دىففېرېنسىيلىنىشى (ھۈجەيرىنىڭ تەبىقىلىنىشى) (Cell differentiation) (细胞分化):
بىر ھۈجەيرىنىڭ مەلۇم بىر فۇنكسىيەنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆزگىرىش جەريانى.
ھۈجەيرىنىڭ تولۇق ئىقتىدارلىقلىقى (totipotency) (全能性):
بىر ھۈجەيرىنىڭ تولۇق بىر جانلىققا ئايلىنىش ئىقتىدارى.
غول ھۈجەيرە (Stem cell) (干细胞):
ئۆزىنى يېڭىلاپ، ھەر خىل ھۈجەيرە تۈرلىرىگە ئايلىنالايدىغان ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر.
ھۈجەيرىلەرنىڭ تەبىئىي ئۆلۈشى (apoptosis) (细胞凋亡):
ھۈجەيرىنىڭ پروگراممىلانغان ئۆلۈش جەريانى بولۇپ، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە سالامەتلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھۈجەيرىنىڭ پروگراممىلىق ئۆلۈشى (Programmed cell death) (程序性细胞死亡):
ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىشى ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ نورمال تەرەققىياتى ۋە توقۇلما ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلاش جەريانى.
راك ھۈجەيرىلىرى (Cancer cell) (癌细胞):
كونترول قىلىنمايدىغان دەرىجىدە بۆلۈنۈپ ئۆسىدىغان، باشقا توقۇلمىلارغا تارقىلالايدىغان نورمالسىز ھۈجەيرىلەر.
راك كېسىلى (Cancer) (癌症):
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كونترولسىز ئۆسۈپ، نورمال توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك.
بەلگىلەر (Character) (性状):
جانلىقنىڭ كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى.
نىسپىي بەلگىلەر (Relative character) (相对性状):
بىر خىل بەلگىنىڭ ئوخشاش تۈردە ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىمىغان شەكلى.
شالغۇتلاشتۇرغان (Cross) (杂交):
ئىككى ئوخشىمىغان جانلىقنى جۈپلەشتۈرۈپ، ئارىلاشما ئەۋلاد ھاسىل قىلىش جەريانى.
ئاشكارا بەلگە (Dominant Character) (显性性状):
گېن جۈپتىدە بار بولغاندا، ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە.
يوشۇرۇن بەلگە (Recessive Character) (隐性性状):
گېن جۈپتىدە پەقەت ئاشكارا بەلگە بولمىغاندا ئاندىن ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە.
ئىرسىيەت فاكتورلىرى (Hereditary factor) (遗传因子):
ھازىرقى گېنلار دەپ ئاتالغان ئىرسىيەت ئۇچۇرىنى توشۇغۇچى.
سىناپ چاڭلاشتۇرۇش (چېتىشتۇرۇش) (Test cross) (测交):
نامەلۇم گېنو تىپىدىكى جانلىقنى يوشۇرۇن بەلگە گېنو تىپىدىكى جانلىق بىلەن چېتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ گېنو تىپىنى ئېنىقلاش.
مېندېلنىڭ بىرىنچى قانۇنى (ئايرىلىش قانۇنى) (Law of segregation) (分离定律):
ھەر بىر گېن جۈپتىنىڭ جىنسىي ھۈجەيرىلەر شەكىللەنگەندە ئايرىلىپ، ھەر بىر جىنسىي ھۈجەيرىگە پەقەت بىرلا گېننىڭ كىرىشى.
مېندېلنىڭ ئىككىنچى قانۇنى (ئەركىن بىرىكىش قانۇنى) (Law of independent assortment) (自由组合定律):
ئوخشىمىغان گېن جۈپلىرىنىڭ جىنسىي ھۈجەيرىلەرگە ئەركىن ھالدا بىرىكىشى.
مېۋە چىۋىنى (Drosophila melanogaster) (果蝇):
گېنىتىكا تەتقىقاتىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان كىچىك ھاشارات.
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش (Meiosis) (减数分裂):
جىنسىي ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش جەريانى بولۇپ، خروموسوم سانىنى يېرىمغا ئازايتىدۇ.
ئورۇقلىنىش (Fertilization) (受精):
ئەر ۋە ئايال جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرىكىپ، يېڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىش جەريانى.
دائىمىي خروموسوم (Autosome) (常染色体):
جىنىسقا مۇناسىۋەتسىز خروموسوملار.
جىنسىي خروموسوم (Sex chromosome) (性染色体):
جانلىقنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدىغان خروموسوملار (مەسىلەن، ئىنسانلاردا X ۋە Y خروموسومى).
جىنىسقا ئەگىشىش ئىرسىيتى (Sex-linkage inheritance) (伴性遗传):
جىنسىي خروموسوملاردا تۇرىدىغان گېنلارنىڭ ئىرسىيەت قانۇنىيىتى.
پارقىراق (Smooth) (光滑):
باكتېرىيە ياكى ئۆسۈملۈك يۈزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بەزىدە كېسەللىك قوزغاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
يىرىك (Rough) (粗糙):
پارقىراقنىڭ ئەكسى، يۈزى يىرىك بولغان باكتېرىيە ياكى ئۆسۈملۈك.
خەۋەرچى ر ن ئا (Messanger RNA (mRNA)) (信使RNA):
DNA دىكى گېن ئۇچۇرىنى رىبوسومغا يەتكۈزۈپ، ئاقسىل بىرىكتۈرۈشنى باشقۇرىدىغان RNA تىپى.
توشۇغۇچى ر ن ئا (Transfer RNA (tRNA)) (转运RNA):
ئاقسىل بىرىكتۈرۈش جەريانىدا ئامىنو كىسلاتالارنى رىبوسومغا توشۇيدىغان RNA تىپى.
رىبوسومدىكى ر ن ئا (ribosomal RNA (rRNA)) (核糖体RNA):
رىبوسومنىڭ قۇرۇلما قىسمىنى تەشكىل قىلىپ، ئاقسىل بىرىكتۈرۈشتە كاتالىزاتورلۇق رول ئوينايدۇ.
كۆچۈرلۈش (Transcription) (转录):
DNA دىكى گېن ئۇچۇرىنىڭ mRNA غا كۆچۈرۈلۈش جەريانى.
ئاغدۇرۇلۇش (Translation) (翻译):
mRNA دىكى گېن ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئاقسىل بىرىكتۈرۈش جەريانى.
مەركەز قانۇنىيتى (Central dogma) (中心法则):
گېن ئۇچۇرىنىڭ DNA دىن RNA غا، RNA دىن ئاقسىلغا ئۆتۈش يۆنىلىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي پرىنسىپ.
گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى (Gene mutation) (基因突变):
گېنلارنىڭ DNA تەرتىپىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش.
گېنلارنىڭ قايتا گۇرۇپپىلىشىشى (Gene recombination) (基因重组):
گېنلارنىڭ يېڭى بىرىكمىلەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قايتا تەرتىپلىنىشى.
خروموسوملارنىڭ ئۆزگىرىشى (Chromosomal variations) (染色体变异):
خروموسوملارنىڭ سانى ياكى قۇرۇلمىسىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش.
ئىككى ھەسسلەنگەن تەنچە (Diploid) (二倍体):
ھەر بىر خروموسوم جۈپتىدىن ئىككى نۇسخا بار جانلىق.
كۆپ ھەسسىلەنگەن تەنچە (Polyploid) (多倍体):
ئىككىدىن كۆپ خروموسوم جۈپتى بار جانلىق.
تاق ھەسسىلەنگەن تەنچە (Haploid) (单倍体):
ھەر بىر خروموسوم جۈپتىدىن پەقەت بىر نۇسخا بار جانلىق.
شالغۇتلاشتۇرۇپ سورت يېتىشتۈرۈش (Cross breeding) (杂交育种):
ئوخشىمىغان ئىككى تۈر ياكى سورتنى چېتىشتۇرۇپ، يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش.
تەبنىي تاللىنىش (Natural Selection) (自然选择):
تەبىئەتنىڭ مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان جانلىقلارنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ۋە ھايات قېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەريانى.
تۈر توپى (Population) (种群):
مەلۇم بىر رايوندا ياشايدىغان بىر تۈردىكى بارلىق جانلىقلار.
گېن ئامبىرى (Gene pool) (基因库):
بىر تۈر توپىدىكى بارلىق گېنلارنىڭ توپلىمى.
توساتتىن ئۆزگىرىش (Mutation) (突变):
گېن ياكى خروموسوملاردا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش.
بىر تۈر (Species) (物种):
ئۆز-ئارا چېتىشالايدىغان ۋە نەسىل قالدۇرالايدىغان جانلىقلار توپى.
كۆپىيىش ئايرىلىشى (Reproductive isolation) (生殖隔离):
ئوخشىمىغان تۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا چېتىشىشىنى ياكى تۇغۇشۇپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىنى توسۇش جەريانى.
جۇغراپىيىلىك ئايرىلىش (Geographical isolation) (地理隔离):
جانلىقلار توپىنىڭ جۇغراپىيىلىك توساقلار ئارقىلىق ئايرىلىشى.
ئايرىلىش (Isolation) (隔离):
جانلىقلار توپىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆتۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
بىللە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش (coevolution) (协同进化):
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۈرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى.
بەدەن سۇيۇقلۇقى (Body fluid) (体液):
بەدەن ئىچىدىكى بارلىق سۇيۇقلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، قان پلازمىسى، توقۇلما سۇيۇقلۇقى ۋە لىمفا.
قان پلازمىسى (Plasma) (血浆):
قاننىڭ سۇيۇق قىسمى بولۇپ، سۇ، ئاقسىل، گلۇكوزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
توقۇلما سۇيۇقلۇقى (Tissue fluid) (组织液):
ھۈجەيرىلەرنى ئەتراپىدىكى سۇيۇقلۇق بولۇپ، ماددىلار ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.
لىمفا (Lymph) (淋巴):
لىمفا سىستېمىسىدا ئېقىپ يۈرىدىغان سۇيۇقلۇق، ئىممۇنىتېت فۇنكسىيەسىگە ئىگە.
ئىچكى مۇھىت (Internal environment) (内环境):
جانلىقلار بەدىنى ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەر ياشايدىغان سۇيۇقلۇق مۇھىتى (قان پلازمىسى، توقۇلما سۇيۇقلۇقى، لىمفا).
مۇقىم ھالەت (Homeostasis) (稳态):
جانلىقلارنىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ نىسپىي تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىشى.
رېفلېكىس (Reflex) (反射):
نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق يۈز بېرىدىغان ئاپتوماتىك ئىنكاس.
رېفلېكىس يايى (Reflex arc) (反射弧):
رېفلېكىسنىڭ يۈز بېرىشىگە قاتنىشىدىغان نېرۋا يولى.
قوزغىلىش (Excitation) (兴奋):
نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى غىدىقلاشقا ئىنكاس قايتۇرۇشى.
نېرۋا ئىمپۇلىسى (Neural impulse) (神经冲动):
نېرۋا تۈگۈنچىلىرى ئارقىلىق ئۆتۈشۈپ، ئۇچۇر توشۇيدىغان ئېلېكتىر سىگنالى.
تىنىچ ئېلېكتىر پوتېنسئالى (Resting potential) (静息电位):
نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ غىدىقلىنىشتىن ئىلگىرىكى پەردە ئىقتىدار پوتېنسىيالى.
سىناپىس (Synapse) (突触):
ئىككى نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش باغلىنىشى.
نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ماددىسى (Neurotransmitter) (神经递质):
سىناپىس ئارقىلىق نېرۋا ئىمپۇلىسىنى يەتكۈزىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار.
ھورمون (Hormone) (激素):
ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان، بەدەندىكى فۇنكسىيەلەرنى تەڭشەيدىغان خىمىيىلىك ئۇچۇر توشۇغۇچىلار.
ھورمۇنلۇق تەڭشىلىش (Hormonal regulation) (体液调节):
ھورمونلار ئارقىلىق بەدەن فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش.
گلۇكاگۇن (Glucagon) (胰高血糖素):
ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون بولۇپ، قان شېكىرىنى ئاشۇرىدۇ.
ئىنسۇلىن (insulin) (胰岛素):
ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون بولۇپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
قايتما ئىنكاسلىق تەڭشىلىش (Feedback regulation) (反馈调节):
بىر سىستېمىنىڭ چىقىرىش مەھسۇلاتىنىڭ سىستېمىنىڭ كىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى تەڭشەش جەريانى.
قالقانسىمەن بەز ھورمونى (Thyroxine) (甲状腺激素):
قالقانسىمان بەز ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون بولۇپ، مېتابولىزىم سۈرئىتىنى كونترول قىلىدۇ.
تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە قالقانسىمان بەز ھورموننىڭ قويۇپ بېرىلىىشىنى ئىلگىرلەتكۈچى ھورمون (TRH) (促甲状腺激素释放激素):
تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون بولۇپ، ئالدىنقى مېڭە ئاستى بېزىنىڭ TSH ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلايدۇ.
ھىپوفىزنىڭ قالقانسىمان بەز خىزمىتىنى ئىلگىرلەتكۈچى ھورمون (TSH) (促甲状腺激素):
مېڭە ئاستى بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمون بولۇپ، قالقانسىمان بەزنىڭ قالقانسىمان بەز ھورمونى ئىشلەپچىقىرىشىنى غىدىقلايدۇ.
نىشان ئەزا (Target organ) (靶器官):
ھورمون ياكى باشقا ئۇچۇر توشۇغۇچىلار تەسىر كۆرسىتىدىغان بەدەن ئەزاسى.
نىشان ھۈجەيرە (Target cell) (靶细胞):
ھورمون ياكى باشقا ئۇچۇر توشۇغۇچىلار تەسىر كۆرسىتىدىغان ھۈجەيرە.
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى (Immune system) (免疫系统):
جانلىقلارنى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلاردىن قوغدايدىغان بەدەن سىستېمىسى.
ئانتىتېلا (Antibody) (抗体):
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئانتىگېنلار بىلەن ئالاھىدە باغلىنىدىغان ئاقسىل.
ئانتىگېن (Antigen) (抗原):
ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغىتالايدىغان ماددا.
ۋاكسىنا (Vaccine) (疫苗):
كېسەللىكلەرگە قارشى ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات.
تەسىر (Influence) (影响):
بىر نەرسىنىڭ باشقا بىر نەرسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
ئائۇكسىن (Auxin) (生长素):
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەيدىغان ئاساسلىق ھورمون.
ئۆسۈملۈك ھورمونى (Phytohormone) (植物激素):
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىياتىنى كونترول قىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار.
قۇتۇپلۇق توشۇلۇش (Polar transport) (极性运输):
ئۆسۈملۈكلەردە ھورمونلارنىڭ مەلۇم يۆنىلىشتە توشۇلۇشى.
تۈر توپى زىچلىقى (Population density) (种群密度):
مەلۇم بىر رايوندىكى جانلىق سانىنىڭ رايون كۆلىمىگە بولغان نىسبىتى.
تۈر توپىنىڭ توغۇلۇش نىسبىتى (Birth rate) (出生率):
مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە تۈر توپىدا توغۇلغان يېڭى جانلىق سانى.
تۈر توپىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى (Death rate) (死亡率):
مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە تۈر توپىدا ئۆلگەن جانلىق سانى.
كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى (Immigration rate) (迁入率):
مەلۇم بىر رايونغا كۆچۈپ كىرگەن جانلىق سانىنىڭ تۈر توپىغا بولغان نىسبىتى.
كۆچۈپ چىقىش نىسبىتى (emigration rate) (迁出率):
مەلۇم بىر رايوندىن كۆچۈپ چىققان جانلىق سانىنىڭ تۈر توپىغا بولغان نىسبىتى.
تۈر توپىنىڭ ياش قۇرۇلمىسى (Age structure) (年龄结构):
تۈر توپىدىكى ئوخشىمىغان ياشتىكى جانلىقلارنىڭ نىسبىتى.
جىنسىي پەرق نىسبىتى (Sex ratio) (性别比例):
تۈر توپىدىكى ئەر ۋە ئايال جانلىقلارنىڭ نىسبىتى.
مۇھىتنىڭ سىغدۇرۇش مىقدارى (Carrying capacity) (环境容纳量):
بىر مۇھىتنىڭ قوللىيالايدىغان ئەڭ چوڭ جانلىق سانى.
تۈركۈم (Community) (群落):
مەلۇم بىر رايوندا بىرلىكتە ياشايدىغان ئوخشىمىغان تۈردىكى جانلىقلارنىڭ توپى.
تۈركۈمدىكى تۈر ساننىڭ ئاز-كۆپلۈكى موللۇق دەرىجىسى (Species richness) (物种丰富度):
بىر تۈركۈمدىكى ئوخشىمىغان تۈرلەرنىڭ سانى.
ئالمىشىش (Succession) (演替):
بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى تۈر قۇرۇلمىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى.
دەسلەپكى ئالمىشىش (Primary succession) (初生演替):
ئىلگىرى جانلىقلار ياشىمىغان يېڭى مۇھىتتا يۈز بېرىدىغان ئالمىشىش.
كېيىنكى ئالمىشىش (Secondary succession) (次生演替):
ئىلگىرى جانلىقلار ياشىغان، لېكىن قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىغان مۇھىتتا يۈز بېرىدىغان ئالمىشىش.
ئېكولوگىيلىك سىستېما (Ecosystem) (生态系统):
مەلۇم بىر رايوندىكى جانلىقلار جەمئىيىتى بىلەن ئۇنىڭ جانسىز مۇھىتىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىش سىستېمىسى.
بىئوسفېرا (Biosphere) (生物圈):
يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار ياشايدىغان قەۋەت.
ئىشلەپچىقارغۇچىلار (Producer) (生产者):
فوتوسىنتېز ئارقىلىق ئۆز ئوزۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جانلىقلار (مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر).
ئىستېمال قىلغۇچىلار (Consumer) (消费者):
باشقا جانلىقلارنى يېيىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدىغان جانلىقلار.
پارچىلىغۇچىلار (Decomposer) (分解者):
ئۆلۈك ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ، مۇھىتنىڭ ماددا دەۋرىيلىكىگە قاتنىشىدىغان جانلىقلار (مەسىلەن، باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ).
ئوزۇقلۇق تورى (Food web) (食物网):
بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرلىرىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان تورى.
ئوزۇقلۇق زەنجىرى (Food chain) (食物链):
ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ئوزۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر جانلىقتىن يەنە بىر جانلىققا ئۆتۈشى.
ئۇچۇر (Information) (信息):
سىستېمىلار ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ، فۇنكسىيەلەرنى تەڭشەيدىغان بەلگە.
فىزىكىلىق ئۇچۇر (Physical information) (物理信息):
يورۇقلۇق، ئاۋاز، تېمپېراتۇرا قاتارلىق فىزىكىلىق بەلگىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇر.
خىمىيىلىك ئۇچۇر (Chemical information) (化学信息):
ھورمون، فېرومون قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇر.
فېرومون (Pheromone) (外激素):
جانلىقلار تەرىپىدىن ئاجرىتىلىپ، باشقا جانلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيىلىك ماددا.
ئۇچۇر قىلىقى (Behavior information) (行为信息):
جانلىقلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇر.
ئېكولوگىيلىك سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىلىقى (Stability of ecosystem) (生态系统的稳定性):
بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاش ۋە سىرتقى تەسىرلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى.
ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش (Self-regulation) (自我调节):
ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مېخانىزملار ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلىشى.
قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىملىقىلىقى (Resistance stability) (抵抗力稳定性):
ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ سىرتقى قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى.
ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچىنىڭ مۇقىملىقلىقى (Resilience stability) (恢复力稳定性):
سىستېمىنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىش ئىقتىدارى.
پىلانلىق توغۇت (Family planning) (计划生育):
ئائىلىلەرنىڭ بالا سانىنى پىلانلىق ھالدا كونترول قىلىش.
جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى (Biodiversity) (生物多样性):
يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تۈر، گېن ۋە ئېكولوگىيىلىك سىستېما دەرىجىسىدىكى كۆپ خىللىقى.
ئۆز ئورنىدا قوغداش (Insitu conservation) (就地保护):
جانلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ماكانىدا قوغداش.
يۆتكەپ قوغداش (Exsitu conservation) (迁地保护):
جانلىقلارنى تەبىئىي ماكانىدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ قوغداش (مەسىلەن، ھايۋانات باغچىسى).
تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار (Natural reserve) (自然保护区):
جانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە رايونلار.
سىجىل تەرەققىي قىلىش (Sustainable development) (可持续发展):
كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئېھتىياجىغا تەسىر يەتكۈزمەي، ھازىرقى ئېھتىياجلارنى قاندۇرالايدىغان تەرەققىيات ئۇسۇلى.
ئىندۇكسىيلەپ ئۆزگەرتىپ سورت يېتىشتۈرۈش (Mutation breeding) (诱变育种):
توساتتىن ئۆزگىرىشنى قوزغاش ئارقىلىق يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش.
خۇلاسە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە ئاتالغۇلىرىنى چۈشىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتلىق ئىلمىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ماقالىدە، بىئولوگىيەنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مۇھىم ئاتالغۇلار قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا شەرھلەپ بېرىلدى. بۇ ئاتالغۇلار بىئولوگىيەنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىنى، مەسىلەن:
- ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى: ھۈجەيرىنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسى، مېتابولىزمى ۋە بۆلۈنۈش جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاساس ھاياتلىقنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
- ئىرسىيەت ئىلمى: گېنلارنىڭ رولى، ئىرسىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خروموسوملارنىڭ ھەرىكىتى ۋە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۆگىتىدۇ. مېندېلنىڭ قانۇنلىرى ۋە DNA نىڭ رولى بۇ ساھەنىڭ ئاساسىدۇر.
- جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى: تەبىئىي تاللىنىش، تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جانلىقلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى.
- ئىچكى مۇھىت ۋە تەڭشىلىش: جانلىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىچكى مۇھىتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مېخانىزملىرى (ھومېئوستاز)، نېرۋا ۋە ھورمون سىستېمىسىنىڭ رولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، بەدەننىڭ نورمال فۇنكسىيەسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم.
- ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت: جانلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا ۋە مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكسىيەسى، شۇنداقلا بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ ئاتالغۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە دەرسلىكىنىڭ تېمىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئاساسى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىنى نىشان قىلغان. بىئولوگىيە بىلىملىرى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى، مەسىلەن، ساغلاملىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. كەلگۈسىدە بىئولوگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بۇ ئاتالغۇلار ناھايىتى مۇھىم ئاساس بولۇپ بېرىدۇ.
بىئولوگىيەنىڭ مۇرەككەپلىكىگە قارىماي، ئۇنى چۈشىنىش جانلىقلار دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سىرلىرىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىئولوگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


