ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابالىنىڭ ئەمگۈسى كەلسىلا ئەمگۈزۈش كېرەكمۇ ؟

بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلسىلا ئەمگۈزۈش كېرەكمۇ ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىز ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئۇنداقتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

بۇ توغرا ئەمەس، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى كىچىك بولۇپ، ئاز-ئازدىن، لېكىن كۆپ قېتىم ئېمىتىش كېرەك.

ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، ھەرقېتىملىق سۈتنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. سۈتنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ ۋە ئېمىتىدىغان ۋاقىتمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىككى –ئۈچ ھەپتىدە، ئادەتتە سۈت بالىنىڭ ئاشقازىنىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەرتىپلىك ئېمىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەخمىنەن ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ.

ئەگەر بالا ئىككى سائەتكە توشماي تۇرۇپ يىغلاپ كەتسە، بالىنى ئېمىتمەي، ئازراق قايناق سۇ ئىچۈرۈپ قويسا بولىدۇ. بالا ئېيىغا توشقاندىن كېيىن ئاشقازان تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاندىن بىكار بولىدۇ، شۇڭا ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ.

ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن، تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ، بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېمكانقەدەر تويغۇزۇپ ئۇخلىتىشى، بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىش شەكلى بىكار قىلىنىپ، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:55:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ