ھامىلىلىكنىڭ 5-ھەپتىسى
ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 3 -ھەپتىسى
بۇ ھەپتىدىمۇ ئانا بەدەندىكى ھورمونلار ھېلىھەم تۇراقسىز بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتىدە پەيدا بولغان ئالامەتلەر داۋام قىلىدۇ. يەنى قۇرۇق ھۆ تۇتۇش، بەدەن تېمپىراتۇراسى تۇراقسىزلىنىش، ئاسان ماغدۇرسىزلىنىش، كەيپىيات داۋالغۇش.. قاتارلىق ئالامەتلەر داۋام قىلىدۇ.
بۇ ھەپتىدە ھامىلدارلىق سىناق تاياقچىسى، قان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق دەسلەپكى مەزگىلدە ھامىلە بولغانلىقنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. تۆرەلمە ھېلىھەم ناھايىتى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، ئۇلترائاۋازلىق تەشكۈرۈشتە كۆرگىلى بولمايدۇ. دوختۇرلار يەنە بىرقانچە ھەپتە ساقلىشىنى، ئاندىن ئۇلترائاۋازلىق تەشكۈرۈش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا ئانا ۋە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆپرەك سەۋىرچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.