ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىياشانغانلار گۆشنى كۆپ يېيىشى كېرەكمۇ؟

ياشانغانلار گۆشنى كۆپ يېيىشى كېرەكمۇ؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جاڭ بوۋاي ياش ۋاقتىدا بەدىنى قاۋۇل بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقاندا قورسىقى بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلىغان. ئۇ ياشانغانلارنىڭ بەك ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاسان كېسەل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە بەل باغلىدى.

ياشانغانلار گۆشنى كۆپ يېيىشى كېرەكمۇ؟

شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، جاڭ بوۋاي گۆشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مايلىق گۆش ئۇياقتا تۇرسۇن، مايسىز گۆشكىمۇ تەگمىدى، تۇخۇمنىمۇ ناھايىتى ئاز يىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەقىقەتەن خېلى ئۇرۇقلىدى، ھەمدە بەدىنىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولدى.

ئۇچ يىلدىن كېيىن، جاڭ بوۋاي دائىم ھالسىزلىنىش ھېس قىلىشقا باشلىدى، شاھمات ئوينىغاندا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرمايلا بېلى ۋە دۈمبىسى ئاغرىيدىغان، دوستلىرى بىلەن تاغقا ياماشقاندا بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا ھاسىرايدىغان، چىرايىمۇ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن خېلىلا سولغۇن كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى.

يېقىندا، جاڭ بوۋاي سەيلە-ساياھەتكە چىقماقچى بولغاچقا، ئۆيىدىكىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارىپ تەكشۈرتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياشانغانلار مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلى بولۇپ چىققان، دوختۇر بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۆشسىز تاماق يېگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دېگىنىدە، جاڭ بوۋاي ناھايىتى گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ياشانغانلارنى گۆشنى ئاز يېسە، ئۇرۇقراق بولسا سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ؟ مەن گۆش يېمىسە قانداق بولۇپ ئاغرىپ قالىدۇ؟

 

ئۇنداقتا ياشىنىپ قالغاندا گۆشنى كۆپ يېيىش كېرەكمۇ ياكى ئاز يېيىش كېرەكمۇ؟

يۈرەك زەئىپلىشىش ساھەسى ۋە دۇنيا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكلىرى يىغىنىدا، 11 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە تەكشۈرۈشتە يېڭى بايقاش بولدى: ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاقسىللار ئاساسلىقى گۆش ۋە تۇخۇمدىن كەلگەن، كۈندىلىك گۆشسىز تاماق يېيىش نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشىدىن ئۈمىد بار.

گۆش ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى زور دەرىجىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەگەر ياشانغانلار پۈتۈنلەي گۆش يېمىسە، زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى، تۆمۈر، سىنك، كالتسىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. لېكىن كۆپ مىقداردا گۆش، بولۇپمۇ قىزىل گۆش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشنى ئىستېمال قىلغاندا، ياشانغانلارنىڭ سېمىزلىك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

ياشانغانلار ئاقسىلنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىماقچى بولسا، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۆي قۇشلىرى، گۆش ۋە بېلىق، راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ. بىراق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئاساسىي يېمەكلىك، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

50 ياشتىن كېيىن بۇ ئىككى خىل گۆشنى كۆپرەك يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ

50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش سالامەتلىككە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى خىل گۆش بار، كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك يېيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بىرىنچىسى بېلىق گۆشى. بېلىق گۆشىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. رەڭلىك بېلىقنىڭ تەركىبىدە ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. دۈملەنگەن رەڭلىك بېلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەمى يېڭى ھەم يۇمران بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقانلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

ئىككىنچىسى توخۇ گۆشى. توخۇ گۆشى ئوخشاشلا ئەلا ئاقسىلنىڭ ياخشى مەنبەسى، ماي مىقدارىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن. توخۇ كۆكرەك گۆشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ بەدەنگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئارتۇقچە يۈك پەيدا قىلمايدۇ. توخۇ گۆشىدىن توخۇ گۆشى سالاتى تەييارلاشقا بولىدۇ، تەملىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى تەڭپۇڭ.

ياشانغانلار قانداق قىلغاندا گۆشنى ئىلمىي يېيىشى كېرەك؟

ياشىنىپ قالغاندا، گۆشنى ئىلمىي يېيىش ساغلاملىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

گۆش تۈرىدىكىلەرنى تاللاشتا ئاق گۆش قىزىل گۆشتىن ياخشى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېلىق گۆشى ۋە توخۇ گۆشىنىڭ ھەممىسى ياخشى ئاق گۆش، ياغ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. قىزىل گۆشنى يېيىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك. كالا گۆشىدە تۆمۈر مول بولۇپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن، مايسىز كالا گۆشىنى تاللاپ دۈملەپ پىشۇرغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماي مىقدارىنى چىقىرىۋېتىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. قوي گۆشى ئىسسىق ھەم قۇۋۋەتلىك، بەدىنى ئاجىز، سوغۇق كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا مايسى قوي گۆشى يېسە ياخشى، لېكىن بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. كولباسا، سۈر گۆش قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشلەرنىڭ تۇز ۋە خۇرۇچلىرى كۆپ، ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك.

تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۈملەش، دۈملەپ پىشۇرۇش ياخشى تاللاش بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قالىدۇ، يەنە ئاسان ھەزىم بولىدۇ. مەسىلەن، دۈملەنگەن بېلىق گۆشىنى ئالساق، تەمى ئاددىي ھالدا ناھايىتى مەززىلىك بولىدۇ؛ ياڭيۇ بىلەن دۈملەنگەن كالا گۆشى، كالا گۆشى يۇمشاق، ياڭيۇ گۆش شىرنىسىنى شورايدۇ. مايدا قورۇش، مايدا قورۇش گۆش تۈرىدىكى مايلارنى كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈپ، بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

گۆش يېگەندە ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ، خۇددى قىزارتىپ پىشۇرۇلغان گۆش يېگەنگە ئوخشاش، قورۇلغان چېچەكسەينى ماسلاشتۇرۇپ يېسە، يېمەكلىك تالالىرىنى تولۇقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئاساسىي تاماققا گاڭپەن، موما ياكى قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى تاللاپ بەرسە، ئوزۇقلۇقنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى گۆشنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك، 100-150 گىرامغىچە بولسا مۇۋاپىق، ئۈچ ۋاق تاماقنى بۆلۈپ يېسە بولىدۇ، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

مەنبە: نۇر تورى
ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-08 / 05:31:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ