قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە خۇشاللىنارلىق بايراملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جەرياندا قۇربانلىق قىلىش مۇھىم بىر دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىدۇر. بىراق، مال سويۇش ۋە گۆش بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئەگەر ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىنمىسا، جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تىببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يارىلىنىشتىن ساقلىنىش، گۆش تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ۋە مۇھىت ئاسراش جەمئىيەت ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەسىم مەنبەسى Image source:
https://paulchi543.pixnet.net/blog/posts/15342379961
1) تىغلىق ئەسۋابلارنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك.
قۇربانلىق قىلىش جەريانىدا كۆپىنچە يارىلىنىشلار ئۆتكۈر پىچاق ۋە پالتا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مال سويغاندا پىچاقنىڭ سىيرىلىپ كېتىشى ياكى ھايۋاننىڭ تۇيۇقسىز ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە قول ۋە بارماقلاردا چوڭقۇر كېسىلگەن يارىلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق يارىلىنىشلار پەي ۋە نېرۋىلارنىڭ زەخىملىنىشىگە، ھەتتا ئېغىر دەرىجىدە قان يوقىتىشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، پىچاق ئىشلەتكۈچى چوقۇم تەجرىبىلىك بولۇشى، مالنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار بىلەن ماسلىشىشى، يارىلىنىش يۈز بەرگەندە دەرھال پاكىز داكا بىلەن بېسىپ قاننى توختىتىشى ۋە ئەڭ يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشى كېرەك. بىخەتەرلىك ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر.
2) قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ساغلام بولۇشى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مال تاللىغاندا ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتە ساغلام، كۆزلىرى پارقىراق ۋە ھەرىكەتچان بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم. بەزى ھايۋانلاردا كۆرۈنىدىغان برۇتسېللوز (Brucellosis) ياكى قاپلىق قۇرۇت (Hydatid cyst) قاتارلىق كېسەللىكلەر مالدىن ئادەمگە يۇقىدۇ. ئەگەر مالنىڭ ئۆپكە ياكى جىگىرىدە غەيرىي شەكىلدىكى مۈدۈرچىلەر ياكى سۇ قاپارتلىرى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەسلىك، ھەتتا ئىت ، مۈشۈكلەرگىمۇ بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ كېيىنكى يۇقۇملىنىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. مالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش ساغلام گۆش ئىستېمال قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر.
3) قۇربانلىق قىلىش ئورنىنىڭ پاكىزلىقى گۆشنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشتىكى تۇنجى قەدەم.
مال سويىدىغان ئورۇننىڭ پاكىز بولۇشى گۆشنىڭ باكتېرىيە بىلەن بۇلغىنىشىنى ئازايتىدۇ. توپا-چاڭ، تېزەك ياكى پاسكىنا سۇلار بار يەرلەردە مال سويۇش ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكروپلارنىڭ گۆشكە يۇقۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مال سويۇلىدىغان يەرنى ئالدىن يۇيۇپ پاكىزلاش، ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئىچىشكە بولىدىغان دەرىجىدە پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گۆشنى بىۋاسىتە يەرگە قويماي، پاكىز سۇلياۋ ياكى ياغاچ ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىش تىببىي جەھەتتىن تەۋسىيە قىلىنىدىغان گۆش تازىلىقى شەرتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
4) مالنىڭ ئەخلەتلىرىنى ۋە قېنىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش مۇھىت ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم.
سويۇلغان مالنىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىدىن چىققان ئەخلەتلەر مۇھىتنى تېز سۈرئەتتە بۇلغايدۇ ۋە پاشا-چىۋىنلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بايرامدىن كېيىن كۆپىيىپ كېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قان قالدۇقلىرىنى كۆمۈۋېتىش ياكى كۆپ مىقداردا سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش، ئىشقا يارىمايدىغان ئەخلەتلەرنى مەخسۇس ئەخلەت خالتىلىرىغا سېلىپ پېچەتلەش ۋەيا كۆمۈۋېتىش كېرەك.
5) گۆشنى تېز سۈرئەتتە سوۋۇتۇش ۋە توغرا ساقلاش باكتېرىيە كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يېڭى سويۇلغان مالنىڭ گۆشى تېخى ئىسسىق بولىدۇ. بۇ ئىسسىق گۆشنى دەرھال سۇلياۋ خالتىلارغا سېلىپ ئېغىزىنى بوغۇش گۆشنىڭ تېز سېسىپ كېتىشىگە ۋە زەھەرلىك باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئاچىدۇ. ئەڭ توغرا ئۇسۇل، گۆشنى ئالدى بىلەن سالقىن ۋە شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەردە يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت شامالدىتىپ سوۋۇتۇش، ئاندىن كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ خالتىغا سېلىپ توڭلاتقۇغا سېلىشتۇر. گۆشنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا كىچىك پىلاستىك خالتىلارغا پارچىلاپ سېلىپ ھەر قېتىملىق تاماقتا يېتەرلىك دەرىجىدە چىقىرىپ ئېرىتسە ياخشى بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۆشنى قايتا-قايتا ئېرىتىپ توڭلاتماسلىق ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. قوتاندا بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەت بىر سائەت شامالدىتىشنى ئۇنۇتماڭ.
6) گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
قۇربان ھېيتتا يېڭى گۆش كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا زىيادە كۆپ گۆش ئىستېمال قىلىپ سالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاشقازان ئاغرىش، سۈمۈرۈلۈش تەسىرىگە ئۇچراش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى، سەمىرىپ كېتىش ياكى ئاشقازان يارىسى بار بىمارلار گۆش يېيىشتە مىقدارنى كونترول قىلىشى، گۆشنى كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىشى لازىم. يېڭى سويۇلغان گۆشنى ئاز دېگەندە 6-10 سائەت تىندۇرغاندىن كېيىن يېيىش ھەزىم قىلىشقا ئەڭ پايدىلىقتۇر.
قۇربان ھېيت جەريانىدىكى قۇربانلىق پائالىيەتلىرىدە بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، گۆش تازىلىقىنى ساقلاش ۋە مۇۋاپىق غىزالىنىش ئارقىلىق ھەم دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىپ، ھەم ساغلاملىقىمىزنى قوغدىيالايمىز. ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!


