ياشانغانلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ ، لېكىن بۇ كرىستال لىنزىنىڭ ئۇزۇقلۇقى ۋە ماددا ئالمىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، ئەگەر ياشانغانلاردا سۇسىزلىنىش كۆرۈلسە ياكى ئېغىر ئىچى سۈرۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسا ، ئاسانلا كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشىدىكەن .
ئالاقىدار كلىنكىلىق ماتېرىياللارنى ستاتىستىكا قىلغاندا ، ئىلگىرى بىرەر قېتىم سۇسىزلانغان ياشانغانلارنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن ؛ ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت سۇسىزلانغان ياكى ئىچى سۈرگەنلەرنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭ 21 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن .
تېببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، سۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرىدە سۇ تەركىبى بولىدىكەن ، شۇنداقلا ئاقسىلمۇ سۇنىڭ ياردىمىدە بىر قاتار ماددا ئالمىشىشلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن .
ئادەمنىڭ كۆزىدە سۇيۇقلۇق تەركىبى يۇقىرىراق بولىدۇ ، ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولغاندا ، فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ئاخىرىدا كرىستال لىنزا دۇغلىشىشتىن كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئادەم بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ .
شۇڭا ، ياشانغانلار كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، يېمەك – ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى ، يېتەرلىك سۇ تۇلۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك .