بالىلارنىڭ ئۆزئارا تارتىشىپ قېلىشى ياكى جېدەللىشىشى ھەر بىر ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان نورمال ئەھۋال. مەيلى ئاكا-سىڭىللار بولسۇن ياكى دوستلار بولسۇن، تارتىشىش بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۆگىنىش جەريانىدىكى بىر قىسمىدۇر. گەرچە بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانىلارنى زېرىكتۈرسە ۋە ئاچچىقلاندۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارغا مەسىلە ھەل قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

بالىلار نېمە ئۈچۈن تارتىشىدۇ؟
بالىلارنىڭ تارتىشىشىغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. كۆپىنچە ھاللاردا ئويۇنچۇق تالىشىش، دىققەت تارتىش، ھارغىنلىق ياكى ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلەشنى بلمەسلىك تارتىشۇقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. كىچىك بالىلار تېخى ئۆز ئارزۇسىنى تىزگىنلەشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشتا قىينىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى پەقەتلا «سوتچى» بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.
تارتىشىش يۈز بەرگەندە سوغۇققان بولۇش
بالىلار تارتىشىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى سوغۇققانلىقىنى ساقلاشتۇر. ئەگەر ئاتا-ئانىمۇ ئاچچىقلىنىپ ۋارقىراپ-جارقىرىسا، بۇ جېدەلنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ. جىددىي ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنى ئايرىۋېتىش ۋە ھەممە ئادەم تىنچلانغاندىن كېيىن ئاندىن پاراڭلىشىش كېرەك. تىنچ كەيپىيات مەسىلىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك باسقۇچلىرى
بالىلار تارتىشىپ قالغاندا، تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ:
- ئىككىلا تەرەپنى ئاڭلاش: ھەر بىر بالىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلىشىگە پۇرسەت بېرىڭ. بىرى سۆزلەۋاتقاندا يەنە بىرىنىڭ سۆزىنى بۆلۈشىگە يول قويماڭ.
- ھېسسىياتىنى چۈشىنىش: بالىلارنىڭ ئاچچىقىنى ياكى خاپىلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. مەسىلەن: «ھەقىقەتەن كۆڭلۈڭ يېرىپ بولۇپتۇ ، شۇڭا ئاچچىقىڭ كېلىپتۇ، چۈشىنىمەن» دېگەندەك.
- چارە تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش: بالىلارغا ئۆزى چارە تېپىش پۇرسىتى بېرىڭ. «بۇ ئويۇنچۇقنى ئىككىڭلار قانداق قىلساق تەڭ ئوينىيالايدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار» دەپ سوراڭ.
تەرەپۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىش
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بىلىپ-بىلمەي كىچىكىنىڭ تەرەپدارى بولۇپ قالىدۇ ياكى بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. «سەن چوڭ تۇرۇپ نېمىشقا يول قويمايسەن؟» دېگەندەك سۆزلەر بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ۋە ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كىمنىڭ بىرىنچى باشلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كۆرە، كېيىنكى قېتىم بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
قائىدە-تۈزۈملەرنى ئېنىق بەلگىلەش
ئۆيدە جېدەل-ماجىرانى ئازايتىش ئۈچۈن ئېنىق قائىدىلەر بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: «بىر-بىرىگە قول سالماسلىق»، «يامان سۆز قىلماسلىق» ۋە «ئويۇنچۇقنى نۆۋەت بىلەن ئويناش» دېگەندەك. بۇ قائىدىلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن بولسا، بالىلار نېمىنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئالدىن بەلگىلەنگەن جازا (مەسىلەن، ئويۇنچۇقنى مەلۇم ۋاقىت ئوينىيالماسلىق) ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.
ئۈلگە بولۇش ۋە يېتەكلەش
بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى تەقلىد قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەندە سۆزلىشىش، چۈشىنىش ۋە كېلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلالىسا، بالىلارمۇ بۇنى ئۆگىنىدۇ. سىز بالىڭىزغا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىڭىز بىلەن كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. ئۇلارغا باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى خاراكتېرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىلار تارتىشىپ قالغاندا ئۇنى بىر بالايىئاپەت دەپ قارىماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىر دەرس دەپ قاراڭ. سىزنىڭ سەۋرچانلىقىڭىز ۋە توغرا يېتەكچىلىكىڭىز بالىلارنىڭ ئىناق ۋە مېھرىبان بولۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


