توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاجسىمان يۈرەك كېسىلى تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. بۇ يۇقىرى قان بېسىمغا ئوخشاش سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللىك.
ئۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاجسىمان ئارتېرىيىدە بوتقىسىمان قېتىش ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان يۈرەك كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ئاساسىدا، تارتىشىش، تارىيىش، توسۇلۇش يۈز بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىدا جىددىي ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، قىسقا ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۈرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ.
تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش ئامىلى كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ئامىللار ۋە پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىيولوگىيەلىك ئامىللىرى ياش، جىنس، بەدەن ئېغىرلىقى، ئىرسىيەت مايىللىقى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللار پىسخىكىلىق سېزىمچانلىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئادەت، خاراكتېر، ھەرىكەت تىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار كەيپىيات جىددىيلىكى نۇقتىسىدىن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خولېستېرىننىڭ ئېشىپ كېتىشى يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، لېكىن خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب يېمەكلىك بولماستىن، بەلكى كەيپىيات ئىكەن.
تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى مەيلى روھىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بەدەن قىياپىتى جەھەتتە بولسۇن، دائىم بىر خىل جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى بىلەن نورمال ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىدە روشەن خاراكتېر پەرقى مەۋجۇت.
خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە بولغان تەسىرىدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىدە تەشۋىشلەنگۈچىلەرنىڭ يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا، تەشۋىشلەنگۈچىلەر ۋە قايغۇرۇش كەيپىياتىدىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
كىلىنىكىدا ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، قورقۇش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلار تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللىرىمۇ ئاز ئەمەس.
پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللار يۈرەك سوقۇش تېزلىكى ۋە يۈرەك رېتىمىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ. پىسخىكىلىق ئامىللار نېرۋا پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى ياكى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماھىر بولۇش، يۈرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى چوقۇم ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق كەيپىياتلاردىن ئامال بار يىراق تۇرۇش لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17956464.shtml