ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىھەممە نەرسىنى توڭلاتقۇغا سالامسىز؟ تېخىمۇ تېز بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ھەممە نەرسىنى توڭلاتقۇغا سالامسىز؟ تېخىمۇ تېز بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توڭلاتقۇ يېڭى پېتى ساقلايدۇ، ھەممەئائىلە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، يېمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سالغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ يازداسېتىۋالغان يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، ئىككى-ئۈچ كۈن يېيىشكە بولىدۇ.

ھايۋانات گۆشى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ئاسان چىرىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ خالتىغا سېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ ساقلىسا بولىدۇ.

يېڭى كۆكتاتلارنى ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا نىترىتلار ھاسىل بولىدۇ، ئامالنىڭ بارىچەشۇ كۈنى سېتىۋېلىپ شۇ كۈنى يېيىش، توڭلاتقۇغا سالماسلىق كېرەك، توڭلاتقۇغا سېلىشقا توغرا كەلسە، سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ، ساقلاش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمىگىنى ياخشى. قورۇلغان يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا يېيىش، توڭلاتقۇغا سالماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنىتوڭلاتقۇدا ساقلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنى ئادەتتە تۆت كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، موما، چۆپ قاتارلىقلار؛ مېۋىنى ئادەتتە بىر ھەپتەساقلاشقا بولىدۇ؛ بېلىق تۈرىدىكىلەرنى بىر-ئىككى كۈن سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، گۆش تۈرىدىكىلەرنى يېرىم يىل ساقلىغىلى بولىدۇ؛ تۇخۇمنى سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىدە بىر-ئىككى ئاي ساقلاشقا بولىدۇ؛ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئادەتتە بىر ھەپتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

بۇ يېمەكلىكلەرتوڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ

توڭلاتقۇ گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە يېمەكلىكنى سوغۇق ساقلاشقاماس كەلمەيدۇ:

ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن قورقۇشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈش رايونى ۋە كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەسىلەن، بانان، ئەجدىرھا مىۋىسى، مانگو قاتارلىقلارنى سوغۇق ساقلىغاندا ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

تەرخەمەك توڭلاتقۇدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قويۇپ قويۇلسا، سۇغا چىلىنىپ قالغاندەك بولۇپ، ئەسلى تەمىنى يوقىتىدۇ.

قىسمەن ئۇن تاماقلىرى، مەسىلەن، موما، بولكا قاتارلىقلارنى توڭلاتقۇدا ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويسا، بارا-بارا قېتىپ كېتىدۇ ياكى تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-03 / 08:07:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ