ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى قانداق يېتىلىدۇ؟

بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى قانداق يېتىلىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆزىگە ئىشىنىش ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. غەلبىگە باشلايدۇ. لېكىن ھازىر كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولىمۇ سۇس ھالەتتە چوڭ بولىۋاتىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئۆزى قارار قىلىپ مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان، ئۆزلۈك ئېڭى تۆۋەن، داۋاملىق باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان تۇرمۇشقا خوجايىن بولۇپ ئۆز كەلگۈسىنى يارىتىشقا تىرىشمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى قانداق يېتىلىدۇ؟

1.بالىلارنى قۇرقۇتماسلىق كېرەك.
بىز باللىرىمىزنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ « يىغلىساڭ دۇختۇر كېلىپ ئوكۇل ئۇرىۋىتىدۇ، بۇنداق ئىشنى قىلساڭ ساقچى تۇتۇپ كېتىدۇ، ئۇنداق ئەسكى ئادەم كەلدى،بۇنداق ئەسكى ئادەم كەلدى… » دىگەندەك بالىلارنى قورقۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ جىملەيمىز. نەتىجىدە باللىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپ قۇرقۇنچاق، يۈرەكسىز چوڭ بولۇپ ، قۇرقۇشنى بىلىدىغان ، نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى ۋە ئەقلىگە ئوزۇق بولىدىغان ھىكايەتلەرنى ئېيتىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ سەبىي تۇيغۇسىدا ئىسىل پەزىلەتلەر بىخلاشقا باشلايدۇ. ياكى بالا خاپا قىلغاندا بالىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ بەزلەش كېرەك. بولمىسا ئەكىس تەسىر كېلىپ چىقىدۇ.

2.بالىلارنى ئۆزى قىلغان ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا يىتەكلەش كېرەك.
بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قۇيسا چوڭلاردىن قورقۇپ ئاسانلا يالغان سۆزلەيدۇ. بۇنداق چاغدا بىز سەۋرىچانلىق بىلەن بالىلارغا تەربىيە قىلىپ « ھىچقىسى يوق، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلغىن…» دەپ ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا ئۈندەپ تۈزىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرسەك بالىلار شۇندىن باشلاپ يالغان سۆزلىمەيدۇ، خاتالىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى ئەمىلىيەت جەريانىدا تونۇيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەم بالىلارنىڭ يېقىن دۇستىغا ئايلىنىپ ھەقىقى سىرداشقىلى، ئوي پىكىرلىرىنى چۈشىنىپ ،بالىلاردا مەسئۇلىيەتچان خاراكتېرنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 

3. بالىلارنى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەش لازىم.
بالىلار كىچىككىنە قىيىنچىلىققا يولۇقسا « دادام-ئانام بار» دەپ قاراپ قىينچىلىقنى يېڭىشكە ئىنتىلمەيدۇ، بىز ھەممە ئىشتا بالىلارغا يۈلەنچۈك بولۇپ كۆندۈرۈپ قويغاچقا ، بالىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى كەمچىل بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىز بالىلار مېڭىشنى ئۈگەنگەندىن باشلاپ كەينىدە پايپېتەك بولۇپ يۈرىمىز،يىقىلىپ چۈشسە يۈلەپ تۇرغۇزۇپ توپىسىنى قېقىپ يۈرگەچكە بالىلار «يىقىلىپ چۈشسىمۇ يۈلەپ قويمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان»، جاپادىن قورقۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلار ئۆزى قىلىدىغان ئىشلارنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى، ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارنى بايقىشى، تەرەققى قىلدۇرىشى كېرەك. ھەممە ئىشنى قىلىپ بىرىپ ئۈگىتىپ قويساق «دادام-ئانام بارغۇ» دەپ قاراپ جاپادىن قورقۇپ، قىينچىلىقنى يېڭىپ دادىل ئىش قىلمايدۇ.

4.بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
بالىلار كىچىك چېغىدا كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا تىرىكمەستىن كۈتۈپ تۇرۇش خاتا قىلغان ئىشلىرىنى سەۋرىچانلىق بىلەن تۈزۈتۈپ كۆرسۈتۈپ بىرىپ خاتا قىلسا ئەيىپلىمەسلىك لازىم. بالىلارنى ئەيىپلەش ئالغا ئىنتىلىش روھىنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا كۈتۈپ تۇرىدىغان، يول كۆرسەتمىسە ماڭالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. توغرا قىلسا ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇش، ماختاش لازىم. بازارغا چىقىپ سودا-سېتىق ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇش، ئائىلىدىكى قۇربى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا سېلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.مۇستەقىللىق ئېڭىغا ئىگە بالىلار چوڭ بۇلغاندا مۇۋاپىقىيەت دەرۋازىسىنى ئاسان ئاچالايدۇ.

5. تەربىيەلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم.
بىز لاياقەتلىك بولغاندا تەربىيەلىگەن پەرزەنتمىز لاياقەتلىك بولىدۇ . بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. ھەر بىرسۆز، ھەرىكىتىمىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا بالىغا سىڭىپ ماڭىدۇ ، شۇڭا بالا كىچىك ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دىمەي ، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇ بىر پارچە ئاق قەغەز قانداق بوياش بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغا باغلىق. بالا مەكتەپ يېشىغا بارغاندا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلايدۇ ، بەزى ئاتا- ئانىلار بالىسىنى مەكتەپكە بىرىپلا ئەمدى مېنىڭ ۋەزىپەم تۈگىدى، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلىسۇن دەپلا كارى بولمايدۇ . ئىش بۇنداق ئاددى ئەمەس ، چۈنكى بالا مەكتەپتىن كەلسە ئائىلىدە بىز يېتەكلەيمىز. بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىمىز ، ئائىلە ، ئورۇق تۇققان مىھرى، ئەدەپ-ئەخلاق، مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى، بىز يېتىلدۈرۈپ ماڭىمىز ، پەرزەنتنىڭ قەلبىدە ئاتا- ئانام، ئوقۇتقۇچۇم ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ، بىلمەيدىغىنى يوق دەپ ھېساپلايدۇ. شۇڭا بىزدە ھەر تەرەپلىمىلىك بىلىم بولىشى كېرەك ،ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان تەربيەنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .

6. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتمەسلىك لازىم.
ھازىر ئائىلەردە بالىلار ئاز بولغاچقا بالىلارنى بەكلا ئەتىۋالاپ كىتىۋاتىمىز. ئەمىلىيەتتە بۇ ئەتىۋالاش بالىلارغا تولىمۇ زىيانلىق. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئەركە ئۈگۈنۈپ قالغان بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسياتى تۇراقسىز بولۇپ بۇ خىل ئەھۋال بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زىيانلىق ئىكەن. بالىلارنى ئۇزاق مۇددەت بىخەتەر موھىتتا تۇرغۇزغاندا،بالىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زىھنى كۈچىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ئاستىلاپ كىتىدىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلار باللىرىغا ئارتۇقچە ياخشىچاق بولۇپ كىچىككىنە نەتىجىلىك ئىش قىلسا پۇل بىرىدىغان، نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار بالىلارنى تاشقى غىدىقلاش بولمىسا ھەرىكەتكە كەلمەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىپ كۆنسە تۇرمۇشتىكى بەزى ھادىسىلەرگە قارىتا قارشى تۇرۇش كۈچى ھاسىل بولىدۇ-دە مەسلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدۇ. بەلگىلىك قىممەت قارىشى شەكللىنىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۇڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە باشلايدۇ، ئادىمىيلىگى ئاتا-ئاستا يىتىلىدۇ.

مەنبە: ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-10 / 07:13:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ