ئۆپكە ئىنسان بەدىنىدىكى ئەڭ «ئىشچان» ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەر بىر سېكۇنتتا بىزنى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلمىي ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ساغلام ئادەم كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نەپەسلىنىدۇ. ئۆپكە يەنە بىر جىمجىت ياكى «گاچا» ئەزا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا ئاغرىق نېرۋىلىرى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، دەسلەپكى باسقۇچتىكى زەخىملىنىشلەردە بەدەن ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر نەپەس قىسىلىش ياكى قاتتىق يۆتەل قاتارلىق روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئاندىن دوختۇرغا بارىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا كېسەللىك كۆپىنچە ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، بەدەننىڭ بېرىۋاتقان ئىنچىكە سىگناللىرىنى بالدۇر تونۇش ئۆپكە ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

سەھەر تۇرغاندىكى ئۈچ خىل بىنورماللىق
ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىغانلىقى كۆپىنچە ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان چاغدا مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئۈچ ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۆپكىڭىزگە ياردەم كېرەك بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنچىدىن، چىش چوتكىلىغاندا قۇرۇق ھۆ تۇتۇش. ئەگەر سىزدە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى بولمىسا، ئەمما ھەر كۈنى ئەتىگىنى كۆڭلىڭىز ئېلىشىپ تۇرسا، بۇ ئۆپكىنىڭ كېچىدىكى زەھەر تازىلاش جەريانىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، يۈز يۇيغاندا نەپەس سىقىلىش. يۈز يۇيۇش ئۈچۈن بەلنى ئازراق ئەگكەندە كۆكرەك قىسىلىش ھېس قىلىش — ئۆپكىنىڭ ھاۋا سىغىمچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئۈچىنچىدىن، چاچ تارىغاندا قولنىڭ تىترەپ قېلىشى. بۇ ئالامەت كۆپىنچە بەدەندە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ بىر خىل فىزىئولوگىيەلىك ئىپادىسى بولۇپ، بولۇپمۇ تىرناق رەڭگى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، ئۆپكە ئىقتىدارىنى چوقۇم تەكشۈرتۈش لازىم.
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرگە سەل قارىماڭ
ئۆپكە ساغلاملىقىنىڭ چېكىنىشى كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىڭىزدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. بىرىنچىدىن، پەلەمپەيدىن چىقىشنىڭ تۇيۇقسىز قىيىنلىشىپ كېتىشى. مەسىلەن، ئىلگىرى 3-قەۋەتكىچە ئاسان چىقالايدىغان تۇرۇپ، ھازىر يېرىم يولدا توختاپ دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولسىڭىز، بۇ سىزگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئىككىنچىدىن، سۆزلەش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئەگەر ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇزۇن جۈملىلەرنى بىر تىنىقتا ئېيتالماي، گەپ ئارىسىدا نەپەس ئېلىش ئۈچۈن كۆپ توختايدىغان بولۇپ قالسىڭىز، بۇ ئۆپكىنىڭ يېتەرلىك بېسىم بىلەن ھاۋا چىقىرالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۈچىنچىدىن، يېرىم كېچىدە يەنى سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا سەۋەبسىز ئويغىنىپ كېتىش. ئەنئەنىۋى تىبابەت نەزەرىيەسىدە، بۇ مەزگىل ئۆپكە قان تومۇرلىرىنىڭ پائالىيەت مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئويغىنىپ كېتىش ئۆپكە قۇۋۋىتىنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇللىرى
دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن، سىز ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ئۆپكىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى مۆلچەرلىيەلەيسىز. تۆۋەندىكى پىلان بويىچە سىناق قىلىپ كۆرۈڭ:
- شامنى پۈۋلەپ ئۆچۈرۈش: بىر تال شامنى يېقىپ، ئۆزىڭىزدىن 15 سانتىمېتىر يىراقلىقتا قويۇڭ. ئەگەر بىر قېتىمدىلا پۈۋلەپ ئۆچۈرەلمىسىڭىز، نەپەس سىغىمىڭىزنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئالتە مىنۇتلۇق مېڭىش سىنىقى: تۈز يەردە تېز قەدەمدە ئالتە مىنۇت مېڭىڭ. ئەگەر ماڭغان ئارىلىقىڭىز 400 مېتىرغا يەتمىسە ياكى نەپەس سىقىلىپ توختاپ قالسىڭىز، بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
- نەپەسنى قىسىش سىنىقى: چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا نەپەسنى ئىچىڭىزدە تۇتۇپ تۇرۇڭ. ياشلار 45 سېكۇنتتىن ئاشۇرالىشى، ئوتتۇرا ياشلىقلار بولسا 30 سېكۇنتتىن ئاشۇرالىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ۋاقىتقا يەتمەيلا نەپەس ئالسىڭىز، ئۆپكە ئىقتىدارىدا چېكىنىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆپكە ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاماكا تۈتۈنى ۋە ئاشخانا ئىسلىرىدىن ساقلىنىش، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق تەنھەرىكەت قىلىش، شۇنداقلا ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ( مەسىلەن، ئاق مور، پىياز ، بىيە ، ئاق تۇرۇپ ) كۆپرەك ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆپكە بىر قېتىم زەخىملەنسە ئەسلىگە كېلىشى ئىنتايىن تەس، شۇڭا بالدۇر پەرۋىش قىلىش ھاياتىڭىزنى قوغداش دېمەكتۇر.


