تېببىي تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈنئىي ئىدراك مودېللىرى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش پىلانىنى تۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان قورالغا ئايلانماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان يۈز يېشى FaceAge سىستېمىسى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يۈز سۈرىتىدىنلا ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك يېشىنى ۋە قېرىش سۈرئىتىنى ئېنىقلاپ چىقالايدۇ. 2026-يىلى 1-ئايدا «كلىنىكىلىق راك كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىئولوگىيەلىك ياشنىڭ ئۆزگىرىشى راك بىمارلىرىنىڭ ياشاش نىسبىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلانغان. بۇ تەتقىقاتتا يەنە سۈنئىي ئىدراكى تېخنىكىسىنىڭ تېببىي سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىنى تېزلىتىدىغانلىقى ۋە دوختۇلارغا قارار چىقىرىشتا زور ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يۈز قېرىش سۈرئىتى ۋە راك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش
يۈز يېشى FaceAge سىستېمىسى دەسلەپتە پەقەت بىر تال سۈرەتتىن كىشىلەرنىڭ يېشىنى پەرەز قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يېڭى تەتقىقاتلار بۇ تېخنىكىنىڭ راك بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچىلار 2279 نەپەر راك بىمارىنىڭ كۆپ يىللىق يۈز سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، «يۈزنىڭ قېرىش سۈرئىتى» (Face Aging Rate – FAR) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۆلچەم كىشىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يۈز قىسمىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنى خروولوگىيەلىك ياش بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ھېسابلىنىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يۈز قىسمىنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 تېز بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال بىمارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ۋە ئومۇمىي بەدەن فۇنكسىيەسىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قېرىش سۈرئىتى تېز بولغان بىمارلارنىڭ داۋالاشقا بولغان ئىنكاسى ئاستا، ياشاش پۇرسىتى بولسا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ يەردە FaceAge تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
- بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ھېچقانداق ئوپېراتسىيەسىز ياكى قىيىن تەكشۈرۈشلەرسىزلا سۈرەت ئارقىلىق كۆزەتكىلى بولىدۇ.
- داۋالاش جەريانىدا دورىلارنىڭ بىمارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يۈزدىكى بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق باھالىغىلى بولىدۇ.
- بىمارنىڭ ياشاش نىسبىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، داۋالاش پىلانىنى شۇنىڭغا ئاساسەن تەڭشەش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.
- بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە خەتەرلىك گۇرۇپپىلارنى تاللاپ چىقىشتا يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىگە.
بىئولوگىيەلىك ياش بىلەن ھەقىقىي ياشنىڭ پەرقى
FaceAge مودېلىدا ئىشلىتىلگەن يەنە بىر مۇھىم ئۆلچەم «FaceAge Deviation» (FAD) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم كىشىنىڭ بىئولوگىيەلىك ياش كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۇنىڭ كىملىكتىكى ھەقىقىي يېشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۆلچەيدۇ. ئەگەر بىر كىشىنىڭ يۈز يېشى ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشىدىن چوڭ كۆرۈنسە، بۇ ئۇنىڭ بەدىنىدە ئوكسىدلىنىش بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ياكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
60 ياشتىن ئاشقان 24500 نەپەر پىدائىي ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك سىناقتا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %65 نىڭ بىئولوگىيەلىك يېشىنىڭ ھەقىقىي يېشىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بولۇپمۇ بىئولوگىيەلىك يېشى ھەقىقىي يېشىدىن 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چوڭ چىققان كىشىلەردە راك ۋە باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، FaceAge پەقەت بىر دىئاگنوز قورالى بولۇپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر.
تېببىي قارار چىقىرىشتىكى يېڭى ياردەمچى
بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە دوختۇرخانىلاردا راك كېسىلىنى داۋالاشتا قارار چىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغان سىستېما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. نۆۋەتتە راك بىمارلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىمىيىلىك داۋالاش ياكى نۇرلۇق داۋالاشلار بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن. FaceAge ئارقىلىق بۇ جەرياننى مىنۇت ۋە سېكۇنت بويىچە كۆزىتىپ، داۋالاشنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، FaceAge نىڭ قوللىنىلىشىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ:
- ئەرزان ۋە تېز بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ كەڭ قوللىنىش ئىمكانىيىتى بار.
- داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى سۈرەتلەر ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ.
- شەخسىي داۋالاش (Personalized Medicine) ساھەسىدە، ھەر بىر بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم مىقداردا دورا بېرىشكە شارائىت يارىتىدۇ.
سۈنئىي ئىدراكنىڭ تېبابەت بىلەن بىرلىشىشى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق مۇساپىسىدە يېڭى بىر دەۋرنى ئاچتى. گەرچە بۇ سىستېمىنى كلىنىكىدا تولۇق ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم تەستىقلاش ۋە سىناق باسقۇچلىرى زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن يۈز سۈرىتىدىنلا كېسەللىك تەقدىرىنى مۆلچەرلەش تەسەۋۋۇردىن ھەقىقەتكە ئايلانماقتا.


