ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقان كېسەللىكلىرىياشانغانلاردىكى قان كەملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قان تولۇقلاشتىكى خاتا قاراشلار

ياشانغانلاردىكى قان كەملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قان تولۇقلاشتىكى خاتا قاراشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قان كەملىكنىڭ سەۋەبلىرى

ياشانغانلاردا قان كەملىك كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنۇ نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

يىلىكنىڭ قان ئىشلەش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى: بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، يىلىك ياغ توقۇلمىلىرى بارغانسېرى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان ئىشلەيدىغان قىزىل يىلىك ئازىيىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھەر خىل ئېنزىملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ چۈرۈكلىشىشى تېزلىشىدۇ، بۇ سەۋەبتىن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.

ياشانغانلاردىكى قان كەملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قان تولۇقلاشتىكى خاتا قاراشلار

قان ئىشلەش ماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولماسلىق: ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگىلەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىدۇ، قان ئىشلەش ماددىلىرى بولغان تۆمۈر ماددىسى، ۋىتامىنB12 قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ناچارلىشىدۇ؛ ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا دورا ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، قان ئىشلەش ماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىريەتكۈزىدۇ.

ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى: ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولىدۇ، بۇ ھۈجەيرە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت نورمالسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ، ئورگانىزم نورمال توقۇلمىلىرى ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپلاشقان ھۈجەيرىلەر ۋە ئۆز بەدەن ئانتىتېلاسى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېتلىنىش خاراكتېرىدىكى كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ؛ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاسانلا يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كەم قانلىقنى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەلنى، ئۆسمە كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ كۆپىنچە ئىككىلەمچى قان كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان تولۇقلاشتىكى خاتا قاراشلار

بىرىنچى خاتا قاراش: دائىم باش قېيىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سېلىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۇنى قان بېسىمى تۆۋەنلىكنىڭ ياكى قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش. باش قېيىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سېلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ قان كەملىك بولۇشى ناتايىن. تېببىي ئىلىمدە، قان كەملىك ئادەمنىڭ بەلگىلىك ھەجىمدىكى قان سۇيۇقلۇقىدىكى قىزىل قان ئاقسىلى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمال قىممەتتىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا كۆرۈلگەن باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قان كەملىك بار، دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەر قاننى تەكشۈرتۈپ، قان كەملىك ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلىشى، قان كەملىك بىلەن قان بېسىمى تۆۋەنلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا روھىي چارچاش، باش قېيىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى لازىم.

ئىككىنچى خاتا قاراش: قان كەملىك بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا قان تولۇقلاش ئۈچۈن تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش كېرەك، دەپ قاراش. تۆمۈر ماددىسى كەملىك تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، لېكىن باشقا سەۋەبلەرمۇ قان كەملىكنى پەيدا قىلىدۇ. قان كەملىكنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بولىدۇ: بىرى، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، مەسىلەن: تۆمۈر، ۋىتامىن B6 ،B12 قاتارلىق قان ئىشلەش ماددىلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر – بۆرەك كېسەللىرى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر، يۇقۇملۇق يەللىك قاتارلىقلار قان كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بىرى، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ خورىشى زىيادە بولۇش، مەسىلەن: ئۆتكۈر، ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش، ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىق سەۋەبلەردىمۇ قان كەملىك كۆرۈلىدۇ. قان كەملىكنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: جۇڭگو تېبابىتى بويىچە قان تولۇقلىسىمۇ، غەرب تېبابىتى بويىچە قان تولۇقلىسىمۇ ئوخشاش، دەپ قاراش. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. غەرب تېبابىتى بويىچە قان تولۇقلاش كۆپىنچە قان كەملىك كۆرۈلگەن ئوخشاش بولمىغان مېخانىزمغا قارىتا بولىدۇ، داۋالاش ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە قان تولۇقلاش ‹‹قانسىراش›› قا قارىتىلغان داۋالاشتۇر، جۇڭگو تېبابىتىدىكى ‹‹قانسىراش›› ئاغرىقلارنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، يۈرىكى سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئاياللاردىكى ھەيز ئاز بولۇش، ھەيز توختاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدىكى قان غەرب تېبابىتىدىكى قان سۇيۇقلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئالىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرغۇن فۇنكسىيىلىك پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەرب تېبابىتىدە قان كەملىك دېيىلسە، جۇڭگو تېبابىتىدە ‹‹قانسىراش›› دېيىلىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككىسى مەنا جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشمايدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: قان كەملىكنى داۋالاشتا، دورىخانىدىن قان تولۇقلايدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، دەپ قاراش. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش خاتا. قان كەملىك بىر خىل يىغىندى كېسەل بولۇپ، سەۋەبى مۇرەككەپ. شۇڭا كېسەل ئامىلىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ قارىغۇلارچە قان تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي، بەزىدە ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر دوختۇر ئېنىق قان كەملىك، دەپ دىئاگنوز قويسا، دوختۇرغا ماسلىشىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن قان تولۇقلىسا بولىدۇ.

بەشىنچى خاتا قاراش: قان تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن، بېشىم قايمايدىغان بولدى، خېلى جانلىنىپ قالدىم، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ ئاشقانلىقى ئىسپاتلاندى، ئەمدى يەنە قان تولۇقلىمىساممۇ بولىدۇ، دەپ قاراش. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشنى مىسال قىلساق، ئادەتتىكى كېسەللەرنىڭ قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ قويۇقلۇقى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا باشلاپ ئىككى ئايدىن كېيىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ، ئەگەر بەدەننىڭ زاپاس تۆمۈر ماددا مىقدارىنى تولۇقلاش زۆرۈر بولسا، قىزىل قان ئاقسىلى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە، ھەتتا بىر يىل ئەتراپىدا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش كېرەك. شۇڭا دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا، يەنە بىر مەزگىل تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇقلاش توختىتىلسا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:17:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ