ھازىرقى جەمئىيەتتە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېز بولۇشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر تىرىشىپ جان بېقىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، بەدىنىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇلاردا ياش تۇرۇپلا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بىلىپ-بىلمەي بەدەن چېنىقتۇرمىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقاۋاتىدۇ. يېقىندا، فىنلاندىيە ۋېسكۇلې داشۆسى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئىلمىي شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە 7 يېشىدىن باشلاپلا جىسمانىي ھەرىكەت كەمچىل ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار 2004-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان 27 تۈرلۈك تەتقىقات سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ھەرىكەت ئەھۋالىنى باھالاپ، تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقارغان: 1. كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئادىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مۇقىملىشىدۇ، لېكىن مەكتەپكە كىرىش يېشى (يەتتە ياش ئەتراپىدا)دىن قېرىلىق مەزگىلىگىچە، ھەرىكەت مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەپ بارىدۇ. 2. بالىلىق دەۋر ۋە بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ھەرىكەت قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەت، بۇ باسقۇچتا ھەرىكەت مىقدارى كۆپرەك بولغان كىشىلەرنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئولتۇرۇش ۋاقتى بىر قەدەر ئاز، تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مەدەت بېرىشى بالىلارنىڭ يېتەرلىك جىسمانىي ھەرىكەت مىقدارىنى ساقلىشىغا ئىنتايىن چوڭ ياردەم بېرىدىكەن. يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئادىتى مۇقىملىشىشتىن ئىلگىرىلا قول تىقىپ، ئاكتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى، شەھەر پىلانلاش تارماقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغان ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان ۋېلىسىپىت يولى ۋە پىيادىلەر يولى تەسىس قىلىش ھەققىدە ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى