ئانا سەھىپەساغلاملىقچېنىقىشئوخشىمىغان ياشتىكىلەر چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھاياتلىقتا ھەرىكەت قىلماي بولمايدۇ، بىراق ھەرقايسى ياشتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، شۇڭا چېنىققاندىمۇ مۇناسىپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ، تۆۋەندە بۇلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر زەربىدارلىق بىلەن مەشىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ ياش بۆلىكى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى، ئادەمنىڭ سۆڭىكى تولۇق شەكىللىنىپ بولالمايدىغان بولۇپ، مۇسكۇل كۈچى ئاجىزراق بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتە دەرسى ئېغىر، چېنىقىشى كەمچىل بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەرىكەت ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈمىدىدە، تەنتەربىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندىلا ئاندىن زەربىدارلىق بىلەن مەشىق قىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، زىيادە يۈگۈرگەندە پاقالچاق ئىچكى تەرەپ سۆڭەك پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزى بالىلار ئالدى تاپىنى ياكى كەينى تاپىنى ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنى ئۆسۈپ-يېتىلىش سەۋەبلىك ئاغرىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ زىيادە ھەرىكەت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆگىتاپان بالىلارمۇ زىيادە كۆپ يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلەشكە ماس كەلمەيدۇ. يەنە بەزى بالىلار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىدە چالغۇ مەشىق قىلىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت تەكرار قول ھەرىكىتى ئىشلىسە، ئاسانلا پەي غىلىپى ياللۇغىنى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر زىيادە ھەرىكەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىشى، ئەڭ ياخشىسى تەكرار ھەرىكەتلەرنى بەك كۆپ ئىشلىمەسلىكى، كۆپ خىللاشقان چېنىقىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

ئوتتۇرا ياشلىقلار بەكئېغىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ سۆڭىكى مەزمۇت، مۇسكۇللىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا ئاسان زەخىملىنىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بىر قىسىم ئانتاگونىيەلىك (قارشىلىشچانلىق) كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىقلار، دائىم بەدەن سوقۇلۇش يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، يەنە نۇرغۇن كىشى تېننىس توپ ئويناش قاتارلىق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار سەكرىگەندە، يۈگۈرگەندە زىيادە كۈچىگەنلىكى ياكى توپكا ئۇرغان، قولنى سىلكىگەندە ھەرىكىتى ماسلاشمىغانلىقتىن قايرىلىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بەك ئېغىر بولماسلىقى، «غەلىبە قىلىش» ۋە «يېڭىش»كە ھەددىدىن زىيادە ئىنتىلمەي، كۈتۈلمىگەن زەخىمدىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ياشانغانلار مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشى كېرەك. ياشانغانلاردا كۆپىنچە سۆڭەك شالاڭلىشىش، مۇسكۇل كۈچى ئاجىزلىشىش مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە دائىم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەگەشكەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار سالمىقى يىنىك، سىجىللىقى تۆۋەن ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ. ئەمما، بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. شۇڭا، ياشانغانلار چېنىققاندا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، توغرا تاللىشى، «قىلالىغىنىنى قىلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

(جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تەنھەرىكەت تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى چيۇ شۈچياڭ)

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 11:17:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ