كرېمنىي رولى

مىنېرال ماددا كرېمنىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Si

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كرېمنىي 1970-يىلى ئاندىن ئىنسانلارغا زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمېنت دەپ تونۇلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك قان تومۇر، سۆڭەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى، ھەتتا قېرىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كرېمنىي رولى

ئاساسلىق رولى: سۆڭەك، كۆمۈرچەك ۋە قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى ساقلايدۇ.

ئېلاستىك تالالار ۋە ئارىلىق ماددىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، ئۇماچسىمان مۇنەكلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مۇئەييەن بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

ماددا ئالماشتۇرۇشنى ۋە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىغا قارىتا بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ناچار بولىدۇ. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش پەيدا بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

بوغۇم ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، جىگەر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق مىقداردا كرېمنىي تولۇقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلەتسە بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

تەركىبىدە كرېمنىي مول يېمەكلىكلەردىن گۆش، دانلىق ئاشلىق شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈك تالالىرى (يېيىشكە بولىدىغان تالالار) بار. بۇلاردىن دانلىق ئاشلىقلارنىڭ ئۇرۇقى (شال، بۇغداي) ھەمدە كېپىكى تەركىبىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ، يېيىشكە بولىدىغان تالا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىن ئىبارەت.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا سىلىتسىي 4 ئوكسىد شۈمۈرۈلسە ئاسانلا كرېمنىيلىك ئۆپكە (سىلىتسىيلىك ئۆپكە) كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولىدا چۆكۈشتىن سۈيدۈك تېشى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالىتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كرېمنىي قوبۇل قىلىشقىمۇ دىققەت قىلغاندىلا ئاندىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىىڭ ئالدىنى ياخشىراق ئالغىلى بولىدۇ.

پىۋا تەركىبىدە نۇرغۇن كرېمنىي بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ، شۇڭا دائىم پىۋا ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

ئادەم بەدىنىنىڭ كرېمنىيغا بولغان كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 10-50 مىللىگرام.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-01 / 07:59:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ