ئا ھەرىپى
ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە
ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ.
ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان.
ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس.
ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت
ئالتۇن – كۈمۈش دات بولماس، ئورۇق – تۇغقان يات بولماس.
ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن.
ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق شۇ ئىزدا ماڭار.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ. ئون بەشى يۇرۇق.
ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر.
ئاتا – ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتا – ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ.
ئاتا مىھرى چىراغ، ئانا مىھرى بۇلاق.
ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە تارتىدۇ.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر.
ئادەم دوستى بىلەن، دەرەخ پوستى بىلەن.
ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەس.
ئادەمنىڭ ئېسىلى ئۆلگەندە بىلىنەر، ئاتنىڭ خۇيى مىنگەندە بىلىنەر.
ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل – يۇرت دەپ ئۆلەر.
ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاغزىدا ئەل ۋەتەن، كۆڭلىدە پەقەتلا “مەن” .
ئاغزىدىن ھەسەل تامار، كۆڭلىدىن زەھەر تامار.
ئالەمنى سۇ باسسا، ھۇرۇننى ئۇيقۇ بېسىپتۇ.
مەجھۇل تورى