ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇنۇ ئۈچ ئىشنى قىلماسلىق كېرەك

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇنۇ ئۈچ ئىشنى قىلماسلىق كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بىر ھەپتە بۇرۇن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئىچ سۈرۈش، قىزىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغان بىمارنى داۋالىغان، بۇ بىمار ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالدىم دەپ قارىغان، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ناھايىتى تېزلا ئەيدىز كېسىلى دەپ بېكىتىلگەن. 62 ياشلىق بىر بوۋاي نېمە ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ بوۋاي «قىزىل چىراغ» رايونىغا كۆپ قېتىم كىرىپ چىققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمىغاچقا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان.

ئۇنداقتا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن بىر مىليون 45 مىڭ بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن، لېكىن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا 2019-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تەخمىنەن بىر مىليون 700 مىڭ بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 38 مىليون ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئىكەن.

ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، بەدەندە يۇقۇملىنىش خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ئۆپكىسى، ئۈچەي يولى، قېنى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشنى تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى قىلىپ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولسا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىك بولغاچقا، ھازىرغىچە مېدىتسىنا ساھەسىدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۇسۇل تېپىلمىدى، شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

 

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇنۇ ئۈچ ئىشنى قىلماسلىق كېرەك

1. خەتەرلىك جىنسىي قىلمىش سادىر قىلماسلىق، نېمىنىڭ خەتەرلىك جىنسىي قىلمىش ئىكەنلىكى بىلىش لازىم. دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، جىنسىي تارقىلىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى، بۇنىڭ ئىچىدە يات جىنسلىقلارنىڭ تارقىلىشى %70تىن يۇقىرى، ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن ئەمەس، بۇ يۇقۇملانغۇچىلار زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلىقتىن، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولغان.

2. زەھەر چەكمەسلىك. زەھەر چەككۈچىلەرمۇ ئەيدىز كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە توپ، چۈنكى زەھەر چەككەندە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىۋاسىتە قان ئارقىلىق تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، بىللە تاماق يېگەندە يۇقۇملانمايدۇ، لېكىن چىش چوتكىسى ۋە ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى چىش چوتكىلىغاندا قان چىقىشى مۇمكىن، ساقال ئالغۇچنى ئىشلەتسىمۇ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۈستىدە قېلىپ قالغان ۋىرۇسلار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17702892.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-13 / 07:36:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ