تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى)دىكى ئائىلە دوختۇرلىرىغا قانداق تىزىملىتىمىز ۋە قانداق ئالماشتۇرىمىز؟
#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى ئائىلە دوختۇرلىرىغا قانداق تىزىملىتىمىز ۋە قانداق ئالماشتۇرىمىز؟ ئەگەر ئىقامەت پاسپورت بولمىسا بولمىسا ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتالمامدىم؟ قانداق قىلىشىم كېرەك؟ گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى دىگەن نىمە؟ … قاتارلىق سوئاللارغا مەزكۈر ۋىدىئودا جاۋاپ بېرىمىز.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.
00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە دوختۇرلىرىغا قانداق تىزىملىتىمىز؟
02:11 ئائىلە دوختۇرۇم (ئائىلە ھەكىمى)نى قانداق ئالماشتۇرالايمەن؟
05:00 ئىقامەت ۋە پاسپورتۇم بولمىسا ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتالمامدىم؟
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
1. ساغلىق ئوچىغىدا قانداق دوختۇرلار ئىشلەيدۇ؟
بۇ يەردە ئىشلەيدىغان دوختۇرلار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىدە تىزىملاتقان قانۇنلۇق كېنىشكىلىك دوختۇرلار بولۇپ، ئائىلە دوختۇرى دەپ ئاتايدۇ. تۈركچە ئاتىلىشى:
aile hekimi (ئائىلە ھەكىمى)
1. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە دوختۇرىغا قانداق تىزىملىتىمىز؟ قانداق ئالماشتۇرىمىز؟
ئالدىنقى ۋىدىئونىڭ ئاخىرىدا ئاز تولا بۇ قىسىمنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم.
- ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
- سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
- سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم.
2. پاسپورت ئىقامەت بولمىسا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) بارساق بولمامدۇ؟ قەيەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلالايمىز؟ گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى.
بۇ سوئالنىمۇ ئالدىنقى ۋىدىئودا سۆزلەپتىكەنمەن. پەقەت سەل تەپسىلىيراق توختىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.
ئىقامىتى يوق، پەقەت پاسپورتى بارلار، ۋەيا ئىقامىتى يوق ھەم پاسپورتى يوقلار ئائىلە دوختۇرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، رايون كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىشى لازىم.