تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قان تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.
00:00 باشلىنىش
00:05 ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قان تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
09:11 ئاياقلىشىش
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قان تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ.
- كىچىك تەرەتتە ياللۇغ بارمۇ، قان بارمۇ، ئاقسىل قېچىش بارمۇ… تەكشۈرۈشى،
- چوڭ تەرەتتە قان ۋەيا مىكروپ تەكشۈرۈش،
- ئاياللار جىنسىي يول خ پ ۋ تەكشۈرۈش
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن تاپاندىن قان ئېلىپ 5 خىل تۇغما كېسەللىكلەر تەكشۈرۈش
- سىرتقى قۇلاق يولى، ئوتتۇرا قۇلاق يوللىرىنى تەكشۈرۈش (ياللۇغ، قاناش ۋە باشقا جىسىم بارمۇ يوق)
- بوغاز تەكشۈرۈش
- كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش
- تىڭشىغۇچ بىلەن ئۆپكە تەكشۈرۈش، يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرۈش
- بارماقتىن قان ئېلىپ شىكەر تەكشۈرۈش
- قان بېسىمى ئۆلچەش
- 5-2 مىتىر ئارىلىقىدا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش
- بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى، ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈش
- ھامىلە بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈش
- ھامىلدار ئايالنىڭ ئېغىرلىقىنى، قان بېسىمىنى تەكشۈرۈش….
- باشقىلار…..
… قاتارلىقلارنى قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارمۇ قان تەكشۈرۈشكە ئوخشاش، پەقەت شۇ تىزىملاتقان دوختۇرىڭىز تەكشۈرۈش لازىم دەپ ئويلىغاندا، شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ شارائىتى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئىش يۈكى… قاتارلىق ئەھۋاللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ باھالىنىپ ئاندىن تەكشۈرىدۇ.