ئاق قان دانچىلىرىنىڭ سانى قان تەكشۈرۈشتىكى دائىملىق تۈر بولۇپ، قاندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ توپلام سانىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنى يىلىكىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. نورمال ئاق قان دانچىلىرىنىڭ سانى ياش ۋە جىنسىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، لېكىن ئادەتتە 4000 دىن 11 مىڭ دانە ئاق قان ھۈجەيرىسى/مىكرولىتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ.
ئاق قان ھۈجەيرىسى ئاساسلىقى يىلىكتە پەيدا بولىدۇ. يىلىك كۆپ ساندىكى سۆڭەكلەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يۇمشاق ماددا بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنى ھاسىل قىلىشقا مەسئۇل. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى يىلىكتىن قانغا كىرىدۇ، ئاندىن ئېھتىياجغا ئاساسەن بەدەننىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىغا يۆتكىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئاق قان دانچىلىرىنىڭ سانى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: White Blood Cell Count
خەنزۇچە ئىسمى: 白细胞计数
تۈركچە ئىسمى: Beyaz kan hücresi sayımı
قىسقارتىلىشى: WBC
نورمال سەۋىيىسى: 4,500 – 11,000 تانە / مىكرولېتىر (4.5-11.0 × 109/L)
ئاق قان دانچىسى سانى
دوختۇرلار نىمە ئۈچۈن ئاق قان دانچىسى سانىنى تەكشۈرىدۇ؟
دوختۇر كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاق قان دانچىلىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن:
يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈش:يۇقۇملىنىش ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
– كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىش:بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ئاق قان كېسىلى ياكى باشقا شەكىلدىكى يىلىك كېسەللىكلىرى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
– دورا ئۈنۈمىنى باھالاش:بەزى دورىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دورا مىقدارىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش:ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى قائىدىلىك تەكشۈرۈپ، بىمارنىڭ ئاساسىي سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاش كېرەك.
باشقا سەۋەپلەر: ئوخشىمىغان بۆلۈمدىكى دوختۇرلار ئۆز ساھەسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ بىمارنى باھالاش ئۈچۈن ئاق قان دانچىسى سانىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن.
ئاق قان دانچسىى كۆپىيىپ كېتىش
ئاق قان دانچىلىرى سانىنىڭ ئېشىشى ( ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى دەپ ئاتىلىدۇ ) تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالنى ئىپادىلىشى مۇمكىن:
1. يۇقۇملىنىش:باكتېرىيە، ۋىرۇس ياكى باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش ئادەتتە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى بەدەن تاجاۋۇزچى مىكرو ئېلېمېنتلارغا (ۋىرۇسلار، باكتېرىيىلەر..) قارشى تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
2. ياللۇغلىنىش:بەدەندىكى ياللۇغلىنىش ئىنكاسىمۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
3. بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش:مەسىلەن، كورتىكوستېروئىد قاتارلىق دورىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
4. ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى:ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەر ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن.
5. ئاق قان كېسىلى:بۇ ئاق قان ھۈجەيرىلىرى بىنورمال كۆپىيىدىغان قان راكى بولۇپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
6. سېزىمچانلىق ئىنكاسى:ئېغىر كەيپىيات ياكى بەدەن سېزىمچانلىقى، مەسىلەن، ئوپېراتسىيە ياكى زەخىملىنىش، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ۋاقىتلىق كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئاق قان دانچىلىرى ئازىيىپ كېتىش
ئاق قان دانچىلىرى سانىنىڭ ئازىيىشى ( ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىش كېسىلى ياكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كەملىك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ ) تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالنى ئىپادىلىشى مۇمكىن:
1. يىلىك تورمۇزلىنىش:كېسەللىك ( مەسىلەن، يىلىك ئۆسۈشى ياخشى بولماسلىق )، خىمىيەلىك داۋالاش ياكى رادىئاتسىيەلىك داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىلىك ئىقتىدارى ئاجىزلاش.
2. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەر:مەسىلەن:سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ( SLE ) ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
3. بەزى دورىلار:مەسىلەن، راكقا قارشى دورىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
4. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك:مەسىلەن، ۋىتامىن B12 ياكى فولىك كىسلاتاسى كەمچىل بولسا، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
5. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش:مەسىلەن:HIV ياكى ئېغىر باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىشى مۇمكىن.
6. ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:مەسىلەن، تۇغما ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىش كېسىلى.
ئاق قان دانچىلىرى سانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىش نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئاق قان دانچىلىرىنىڭ سانى بىنورمال بولسا، دوختۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق سەۋەبىنى بېكىتىش ھەمدە كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن داۋالاش پىلانى تۈزۈش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.
(سەمىمىي ئەسكەرتىش: يۇقارىدا بېرىلگەن مەزمونلار تورداشلارنىڭ بىلىم تونۇشىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئاخىرقى دىئاگنوز بولالمايدۇ. ئەگەر سىز ۋە يېقىنىڭىزنىڭ تەكشۈرۈشىدە بىنورماللىق چىقسا، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. )