ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىقايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ

قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش-دوختۇرلار ئەسۋابنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈپ شۈمۈرۈش ياكى قىرىپ ئېلىش ئارقىلىق ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئوپراتسىيە ئادەتتە ھامىلدارلىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى تولۇقلاش تەدبىرى بولۇپ، ئامالسىز ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى ھەرگىز تۇغۇت چەكلەش ۋاستىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بىخەتەر ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىغا سەل قاراپ، ھامىلدار بولۇپ قالسىلا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالا چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىچىك قىزلاردىمۇ نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى ئالاقە بولغاچق، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان ناچار ئاقىۋىتىنى ھەتتا بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ھورمۇن ئۆزگىرىش بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زەخمىسى ۋە ئاغرىقنىلا ئويلىشىدۇ، ئەمما ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان ھورمۇن ئۆزگىرىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تونۇپ يەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تەن زەخمىسى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاغرىقمۇ بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما بىردىنبىر سىرلىق بولغان ئىچكى ئاجرالما ئۆزگىرىشىنىڭ بەدەنگە بولغان زەربىسى ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى كۈندە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. كونىلار تۇغۇت-پىشقان قوغۇننىڭ يەرگە چۈشىشىگە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ. بۇ تۇغۇتنىڭ تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەننىڭ بۇنىڭغا تولۇق ماسلىشىشچانلىقى ۋە تەييارلىقى بولىدۇ. بىراق ھامىلدارلىقنى توختاتقاندا بەدەندىكى ئىچكى ئاجرالمىلار سەۋىيىسى تېزدىن تۆەنلەپ كېتىدۇ. ئاستا-ئاستا ماسلىشىش جگريانى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ بەدەنگە يوشۇرۇن خاراكتېرلىك زەربە بولىدۇ. ئەگەر قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە، بەدەن ئېنىق ۋە يوشۇرۇن زەخمىگە ئۇچراپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا چېكىنىپ، بالدۇر قېرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرگەندە بالىياتقۇنى قىرىش پاكىزە بولماسلىق ياكى بالىياتقۇ تېشىلىپ كېتىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن قاناش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىسى قىلىۋالماڭ

شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار جەزمەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىينى تولۇق تونۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىسى قىلىۋالماي، ئۆزىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا ئاساسەن، دوختۇرغا زىچ ماسلىشىپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەندە، ئاسانلا كۆپىيىش سېستىمىسى ئەگەشمە كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم (ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى) ھامىلە چۈشۈرسە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزىگە يوشۇرۇن خەۋپ يېتىدۇ.

شۇڭا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش تەبئىي تۇغۇشقا ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى ھامىلدارلىقنى مەجبۇرى ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپ، كېيىنكىسى تەبئىي فىزىئولوگىيىلىك جەرياندۇر. ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ھورمۇننىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سۈت بېزىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمچەكمۇ يوغىناپ تولىدۇ. ئەتراپتىكى پېگمىنتمۇ كۆپىيىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 11:21:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ