ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقئاشقازان ئاستى بېزىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللارنى بىلىۋېلىڭ

ئاشقازان ئاستى بېزىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللارنى بىلىۋېلىڭ

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاشقازان ئاستى بېزى ساغلاملىقى ئىزچىل ھازىرقى زامان كىشىلىرى سەل قارايدىغان ئامىل بولۇپ كەلدى. ئاشقازاننىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بۇ كىچىك ئەزا سىگنال بەرگەندە كۆپ ھاللاردا ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىشىمىز مۇمكىن، بۈگۈن بىز ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئاستا-ئاستا زەخىملەندۈرىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى، بولۇپمۇ قارىماققا زىيانسىز كۆرۈنىدىغان بەزى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

 

ئاشقازان ئاستى بېزىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللارنى بىلىۋېلىڭ

يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى

ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان ياغ 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ساماۋەر شورپىسى تېگى، قايماقلىق تورت تەركىبىدىكى تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەيتۇن مېيىنى ھايۋانات مېيىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەر ھەپتىدە قىزىل گۆشنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى 500 گىرام ئىچىدە كونترول قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

يوشۇرۇن شېكەر مىقدارىنىڭ سىجىل ھۇجۇم قىلىشى

ئەتكەن چاي، مېۋە شەربىتى تەركىبىدىكى مېۋە گلۇكوزا ئاشقازان ئاستى بېزىنى نورمىدىن ئارتۇق ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەكلىك بەلگىسىگە دىققەت قىلىش، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 10 گىرامدىن تۆۋەن بولغان ئىچىملىكلەرنى تاللاش كېرەك.

ئىسپىرتنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك خورىشى

ھەر كۈنى 25 گىرامدىن ئارتۇق ئىسپىرت ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئىسپىرت مېتابولىزمى پەيدا قىلغان ئېتىل ئالدېگىد ئاشقازان ئاستى بېزى توقۇلمىسىغا بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تاماق يېگەندە تۆۋەن دەرىجىلىك ھاراقنى تاللاش ھەمدە ھەر بىر ئىستاكان ھاراق ئىچكەندە ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت روھىي يۇقىرى بېسىم ھالىتى

داۋاملىق تەشۋىشلىنىش بەدەندىكى كورتىزول سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. ھەر كۈنى 15 مىنۇت ھەقىقىي نەپەسلىنىش مەشىقى قىلغاندا بېسىمنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش

ئۇدا 90 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرغاندا ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ مىنۇت ھەرىكەت قىلىش، ئاددىي پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ زەنجىرسىمان تەسىرى

ئۇزاق مۇددەت تۈنەش لېپتىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىغا ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر كۈنى 7-8 سائەت سۈپەتلىك ئۇيقۇنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

 

ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئاسراشتىكى كۈندىلىك پىرىنسىپ

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك تاللاش كېرەك

چېچەكسەي، كاللەكبەسەي قاتارلىق تۇرۇپلاردا سۇلفو ماددىسى مول بولۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 200 گىرام ئەتراپىدا يېيىش كېرەك.

قائىدىلىك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش

تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ. ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم ھەرىكەت قىلسا ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن كېيىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش

40 ياشتىن ئاشقانلار ھەر يىلى بىر قېتىم قورساق قىسمىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. جەمەت تارىخى بارلار ئۆسمە بەلگە ماددىلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزى خۇددى بەدەننىڭ «كۆرۈنمەس خوجىدارى»غا ئوخشاش تىنچ خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن پۈتۈن بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش تەڭپۇڭلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىلىپ-بىلمەي ئاشقازان ئاستى بېزىنى زەخىملەندۈرۈش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدىكى ئۆزىگە بىر كىشىلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ بۇ مۇھىم ھەزىم قىلىش ئەزاسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزمۇندىكى داۋالاش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، دورا ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى شەكىللەنمەيدۇ، دىياگنوز قويۇش ئاساسى قىلىنمايدۇ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بىئاراملىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/09/28133626.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-08 / 05:24:59

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ