ئېغىر ئۇيقۇ مېڭىدە ئارتۇقچە سوغۇق مىزاج ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇش، ھۆللۈك مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپىگە يىغىلىپ قېلىش، بۇخاراتلار ئۆپكە ياكى كۆكرەكتىن يۇقىرى چىقىش قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تۆۋەندە بۇنىڭغا مەنپەئەت قىلىدىغان رېتسېپلارنى تونۇشتۇرىمىز:
1-رېتسېپ: مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىپارنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2-رېتسېپ: 100 گىرام بۇغداي كېپىكى، 30 گىرام تۇز ھەم 50 گىرام پىننىنى قىزىتىپ، باشقا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئېغىر ئۇيقۇغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3-رېتسېپ: بەش گىرام بادامنى سوقۇپ، 20 گىرام سۈت ۋە بەش گىرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئېغىر ئۇيقۇغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى.