دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4479 يازمىسى بار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق : كېسەللىك ئالامىتى، سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا سېرىقلىق چۈشۈش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە. تەخمىنەن ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە %60 گە يېقىنى ۋە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا %80 گە يېقىن بولغان بوۋاقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. سېرىقلىق چۈشۈش بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بەدەندىكى بىلىرۇبىن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سېرىقلىق ئەھۋالى ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ 2 - 3 كۈندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، 1 - 3 ھەپتە ئىچىدە تەدرىجىي يوقايدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئەھۋالدا نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى چۈشىنىشى كېرەك.

ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

زەھەر ئىستېمال قىلىپ باقمىغانلار زەھەر ئىستېمال قىلىشنى سىناق قىلماسلىقى، زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەرنى دەرھال تاشلىشى  كېرەك. چۈنكى زەھەر ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسان يۇقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستېمال قىلغۇچىلار زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئاسان ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

قورساق كۆپۈش

قورساق كۆپۈش قورساق قىسمىدىكى يەل ياكى كۆپۈش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولۇش، ھېق تۇتۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ.

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلار

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلام بولمىغان قىلمىشلار تۆۋەندىكىدەك:

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار قايسىلار؟

گېموروي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تۆت خىل كىشىلەر

ھەممىمىزگە مەلۇم، گېموروينىڭ پەيدا بولۇشى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر سىز تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسىڭىز، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ كېسەل سىزدىن يىراق ئەمەس.

يېرىم كېچىدە ئېغىزىڭىز ئاچچىق بولۇپ، ئۇسساپ ئويغىنىپ كېتەمسىز؟

ئېغىز بوشلۇقى پاكىز بولسا بىئارامچىلىق بولمايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاچچىق تەم پەيدا بولۇپ، ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كېتىدۇ. ئەگەر مەسىلىنى بالدۇرراق ھەل قىلماي كەينىگە سۆرىگەندە، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ھەتتا باشقىچە تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئېغىزنىڭ ھەم قۇرۇپ، ھەم ئاچچىق بوپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

قورساق قىسمى بىئارام بولۇش

قورساق قىسمى بىئارام بولۇش قورساق قىسمىدا ئاغرىش، كۆپۈش، ئوتتەك قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش

ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش كۆپ خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئاشقازان - ئۈچەي يولى كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەنكى قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش

قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىش قورساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئاغرىقنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولۇش، ھېق تۇتۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ.