ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبوۋاقلار بالىلار كىچىك تەرەتنى قىستىسا قانداق خەتىرى بار؟

بوۋاقلار بالىلار كىچىك تەرەتنى قىستىسا قانداق خەتىرى بار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىڭىز دائىم كىچىك تەرەتنى قىستىۋالامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق ئەھۋالنى بايقىسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىڭ چۈنكى كىچىك بالىلار كىچىك تەرىتىنى قىستاپ كۆنۈپ قالسا ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك

كىچىك تەرەت كېلىش ئاساسلىقى مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ شەرتلىك رىفىلىكىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا بالىلار كىچىك تەرەت قىلغىسى كەلگەندە ، ئىچى تىتىلدايدۇ ، جىدديلىشىدۇ ، بۇنداق ئەھۋال كۆپەيسە بالىلارنىڭ دېققىتىنى يىغالماسلىق ، تەپەككۈرى قالايمىقانلىشىشدەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ، بالىنىڭ ئۆگىنىشى ھەم كۈندىلىك پائالىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ . بالىلار كىچىك تەرىتىنى قىستىۋالغاندا ، ئاشقازان ئۈچەي رولىغىمۇ تەسىر يېتىپ ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ .

ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، بالىلار كىچىك تەرىتىنى قىسىتىۋالسا ، سۈيدۈك بالىنىڭ دوۋسۇنى ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇپ ، سۈيدۈكتىكى زەھەرلەر بۆرەك نەيچىسى تەرىپىدىن قايتىدىن بەدەنگە سۈمۈرۈۋېلىنىپ ، بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .

دائىم كىچىك تەرەت قىستىسا ، بالىلارنىڭ كىچىك تەرەت سانى ئازلاپ ، بەدەندىكى زەھەر تازىلاش رولى ئاجىزلىشىدۇ ، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە كۈچ بولۇپ قالىدۇ . بولۇپمۇ قىزلاردا بۇ خىل ئەھۋال بەكرەك كۆرۈلىدۇ .

شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ، بالىلار باغچىسى ھەم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمىلىرى بالىلارنىڭ كىچىك تەرەت قىستاشتەك ئەھۋالىغا چوقۇم بىپەرۋا بولماسلىقى ، بالىلارنىڭ توغرا تەلىم-تەربىيە بېرىپ ، ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىشتەك ئادەت يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك . ئەگەر پائالىيەت ، ئويۇن ياكى ئىمتىھانلار بولسا ، بالىلارنىڭ ئاۋۋال كىچىك تەرەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشى ھەم پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئەسكەرتىشى لازىم . بالىلار كىچىك تەرەت قىلىش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن قول كۆتۈرگەندە ، ۋاقتىدا ماقۇل بولۇشى لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:14:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ