دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4356 يازمىسى بار

ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى قان چىرىش كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق

ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەنگلىيە «تەبىئەت. ئىممۇنولوگىيە» قەرەللىك ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز بىر خىل ئاقسىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ سېپتىتسېمىيە (قان چىرىش كېسىلى) ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى قوزغىتىش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ بايقاشنىڭ قان چىرىش كېسىلىنى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بار.

ئاجرىتىپ چىقىرىش خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش

ئاجراتما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ئۈچەينىڭ سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنى زىيادە كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

جىگەر قېتىشىشنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: جىگەر قېتىشىش بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك خوراشچان كېسەللىك، نۆۋەتتە ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەل بولۇش، مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇنداقتا جىگەر قېتىشىش ئاغرىقلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق غىزالىنىشى كېرەك؟

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، يەنە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەخسۇس يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان تېببىي بۆلۈم. بۇ بۆلۈم يۈرەك ۋە قان تومۇرغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىقلار. يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى دورا بىلەن داۋالاش، نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشىغا، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئېغىر يۈرەك قان تومۇر ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى

ئاياللار بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى مېدىتسىنا ساھەسىدە مەخسۇس ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بۆلۈم بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن كىلىماكتېرىيە مەزگىلىگىچە، ھەتتا قېرىلىق مەزگىلىگىچە بولغان كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلۈم كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنى باشقۇرۇش، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېڭە قان تومۇر كەپلەشمىسى كېسىلى

مېڭە قان تومۇر كەپلەشمىسى ( Cerebrovascular Thrombosis or Embolism ) قان نۆكچىسى ياكى باشقا يات ماددا چوڭ مېڭىنى تەمىنلەيدىغان قان تومۇرنى توسۇۋېلىپ، قىسمەن مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ياكى مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر خىل جىددىي، خەتەرلىك پاتولوگىيىلىك ھالەت بولۇپ، تېز پەرقلەندۈرۈش ۋە جىددىي داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاياللاردا بەزىدە كىچىك تەرەتنى تۇتالمايدۇ؟

كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق، ئىختىيارسىز پەيدا بولغان سۈيدۈكنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاياللاردا نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. گەرچە كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى چۈشىنىش ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

كىندىك قىسمى يېرىم شارسىمان ئىششىق

1. قورساق دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشى:قورساق دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشى قورساق بوشلۇقىدىكى ياغ ياكى ئۈچەي توقۇلمىلىرىنىڭ كىندىك ھالقىسى ئارقىلىق پولتىيىپ چىقىپ كىندىك چۇقۇقىنى شەكىللەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى تەدرىجىي توڭلاش بىمارلىرىغا «قايتا سۆزلىشىش» پۇرسىتى بەرمەكتە

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى داۋىس شۆبىسى ساغلاملىق مەركىزى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر خىل يېڭى تىپتىكى مېڭە - ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى ( BCI ) مېڭە سىگنالىنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرالايدىكەن ۋە توغرىلىق نىسبىتى %97 كە يېتىدىكەن. بۇ نۆۋەتتە ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقات سىستېمىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ تەتقىقات ئەترىتى ، مۇسكۇل يىگلەش خاراكتېرلىك يان خوردا قېتىشىش كېسىلى ( ALS ،ئادەتتە تەدرىجىي توڭلاپ قېلىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) سەۋەبىدىن تىل ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىر ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە سېنزور كۆچۈرگەن. بۇ سىستېمىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ ئەر بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزى دېمەكچى بولغان گەپنى دىيەلەيدىكەن. مەزكۇر ئەترەت ، ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسىنى 8-ئاينىڭ 15دە «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلدى.

AI ھېسابلاش ئارقىلىق «تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» مۇۋەپپەقىيەتلىك نىسبىتى 98 %كە يەتتى

تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇلار AI ھېسابلاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ تىلىنىڭ رەڭگىنى ئانالىز قىلىپ، گىرىپتار بولغان كېسەلنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىكەن، ۋە بۇ خىل مۆلچەرنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %98 كە يېتىدىكەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە «تېخنىكا» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئېلان قىلىندى.