دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4327 يازمىسى بار

جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

جىنسىي ئاجىزلىق - ھەر خىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئەر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماي، جىنسىي ئالاقە كىشىنىڭ جىنسىى ۋاقتىدا ئايال كىشىنى رازى قىلالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ .

ئەلىس پەرىلەر ماكانىدا سىندرومى

بۇ سىندروم كىشىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدا كۆرۈلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان نېرۋا كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى لۇيىس كارولنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئەلىسنىڭ پەرىلەر ماكانى سەرگۈزەشتىسى»دىكى پېرسوناژنىڭ جىسىملارنى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك كۆرۈش ھادىسىسىگە ئوخشىتىپ قويۇلغان - يەنى ئەلىسنىڭ پەرىلەر ماكانى سەرگۈزەشتىسى سىندرومى. 

ئوتتۇرا ياشتا ئورۇقلاش مېڭىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

سېمىزلىك نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەڭ ئېغىر ساغلاملىق خىرىسلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئادەتتە، سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلاملىق خەتەرلىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئورۇقلاش دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئورۇقلاش ياشلارغا ئوخشاش ساغلاملىق مەنپەئەتى ئېلىپ كەلمەي قالماي، بەلكى بەزى ئەھۋاللاردا مېڭە ساغلاملىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

دۇنيادىكى تۇنجى يەككە گېنلىق «ئۆپكە ئۆزىكى» بارلىققا كەلدى

پەن-تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېببىي تەتقىقات ساھەسىدە يەنە بىر زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئەنگلىيە فېرانتىس كىرىك ئىنستىتۇتى (Francis Crick Institute) بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ AlveoliX بىئوتېخنىكا شىركىتى ھەمكارلىشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى يەككە گېن ئارقىلىق كەلگەن ھەم ئادەم بەدىنىگە تەقلىد قىلىنغان «ئۆپكە ئۆزىكى» مودېلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يېڭى تېخنىكا كەلگۈسىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى خاسلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى بىر سۇپا يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى بولغان «Science Advances» (ئىلىم-پەن تەرەققىياتى) ژۇرنىلىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قانداق قاراش كېرەك؟

بىز دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسەك، دائىم بىرىنچى باسقۇچتىلا قان ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ، نېمىشقا ھە دېسىلا قان ئالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە يەنە بىر نەچچە نەيچە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ قانلار زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بۈگۈن بىز دوختۇرخانىنىڭ قان ئالدۇرغانلىقىغا ئائىت ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ باقايلى.

تاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

تاماكا چېكىش بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئىزچىل سالامەتلىككە زىيانلىق. مۇبادا تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالسا تاشلاش ناھايىتى تەس. ئەمما يېقىندا توردا تاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەندەك قاراشلار پەيدا بولۇپ قالدى. تۇمان قاپلاپ تۇرغان مۇھىتتا ياشاۋاتقان ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. زادى بۇ قاراشنىڭ نېمە ئاساسى بار؟

ئارتېرىيە قانىلى ئېتىلمەسلىك (PDA)

ئارتېرىيە قانىلى ئېتىلمەسلىك (PDA) تۇغما يۈرەك نۇقسانلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ھامىلە مەزگىلىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوچۇق بىر قان تومۇر تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئېتىلمەي قېلىپ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۈرەك دالانچە ئايرىش پەردىسى كەمتۈكلۈكى (ASD)

يۈرەك دالانچە ئايرىش پەردىسى كەمتۈكلۈكى (ASD) تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈر بولۇپ، ئۇ يۈرەكنىڭ يۇقىرىقى ئىككى بوشلۇقى (دالانچە) ئوتتۇرىسىدىكى تامدا تۆشۈك بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئەھۋالدا بالىلىق دەۋرىدە ئېنىق ئالامەت بەرمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى بالدۇر بايقىمىغاندا، قۇرامىغا يەتكەن مەزگىلدە يۈرەك ۋە ئۆپكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

راك ھۈجەيرىلىرى ۋە ساغلام ھۈجەيرىلەرنى ئايرىيدىغان يېڭى تەسۋىر ئۇسۇلى مەيدانغا كەلمەكتە

راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ۋە توغرا دىياگنوز قويۇش، راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچىدۇر. يېقىندا ئامېرىكا مىچىگان شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىلغان يېڭى تىپتىكى رامان (Raman) تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى، راك ھۈجەيرىلىرىنى ساغلام ھۈجەيرىلەردىن يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ سىستېما كەلگۈسىدە راكنى بالدۇر سىناش ۋە دىياگنوز قويۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

چىش چۈشكەندىن كېيىن داۋالاش ئېلىپ بارمىسا قانداق بولىدۇ؟

چىش چۈشكەندىن كېيىن داۋالاش ئېلىپ بارمىسا قانداق بولىدۇ؟