ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىكۆزنى ئاسراشتا 6 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

كۆزنى ئاسراشتا 6 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى. ئۇنداقتا ئۆگىنىش جەريانىدا قانداق قىلىپ كۆزنى ئاسراش كېرەك؟ مۇتەخخەسىسلەر  تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.

بىرىنچى، كۆز ئىشلىتىش قىياپىتى راۋۇرۇس بولۇشى، كۆرۈش سىزىقى تۆۋەنگە قارىماسلىقى كېرەك. مەيلى كىتاب كۆرۈش، خەت يېزىش ياكى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش بولسۇن، ھەممىسىدە توغرا بولغان كۆز ئىشلىتىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. كۆز بىلەن كىتاب ياكى ئېكراننىڭ ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇشى، كۆرۈش سىزىقى سەل تۆۋەنگە قىيسايغان بولۇشى، زىيادە ئوڭدىسىغا قاراش ياكى باش ئېگىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىنى تەڭشەش، كۆزنى غىدىقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆگىنىش مەقسىتى بولمىغان ئېكران ۋاقتىنى ئازايتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا، مۇھىت يورۇقلۇقىغا ئاساسەن ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىنى تەڭشەپ، ئېكراننىڭ بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ بولۇپ كېتىپ كۆزنى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلارنى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، ئۇنىڭغا زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئېھتىيات بىلەن تاللاش، خەتلىرى ئېنىق بولسا كۆزنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك. بالىلارغا خەتلىرى ئېنىق، قەغەز سۈپىتى ياخشى بولغان ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تاللاپ بېرىش، خەتلىرى تۇتۇق، قەغەز قوپال بولغان كىتاب ياكى ماتېرىياللارنى ئوقۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تۆتىنچى، قەرەللىك ئارام ئېلىپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىش، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى دائىم ھەمراھ بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆگىنىش ۋە كۆز ئىشلىتىش ئاسانلا كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆز چارچاشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، قەرەللىك ئارام ئېلىش ۋە ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، ھەر كۈنى 1-2 قېتىم كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەش كېرەك.

بەشىنچى، ئۆگىنىش نىشانى ئېنىق بولۇش، مۇۋاپىق كۆز ئىشلىتىش، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىلارغا ئېنىق ئۆگىنىش نىشانى بېكىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بالىلار ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، شارائىت يار بەرسە سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، كۆپ پەنلىك ئۆگىنىشنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆزنى بىر خىللاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆگىنىش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان پەنلەردىكى ئۆگىنىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەلۇم بىر پەنگە ئۇزاق ۋاقىت كۆڭۈل قويۇپ، كۆز چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنى ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇزىكا ئاڭلاش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-16 / 08:51:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ