دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

يېرىم كېچىدە ئېغىزىڭىز ئاچچىق بولۇپ، ئۇسساپ ئويغىنىپ كېتەمسىز؟

ئېغىز بوشلۇقى پاكىز بولسا بىئارامچىلىق بولمايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاچچىق تەم پەيدا بولۇپ، ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كېتىدۇ. ئەگەر مەسىلىنى بالدۇرراق ھەل قىلماي كەينىگە سۆرىگەندە، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ھەتتا باشقىچە تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئېغىزنىڭ ھەم قۇرۇپ، ھەم ئاچچىق بوپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

قورساق قىسمى بىئارام بولۇش

قورساق قىسمى بىئارام بولۇش قورساق قىسمىدا ئاغرىش، كۆپۈش، ئوتتەك قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش

ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش كۆپ خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئاشقازان - ئۈچەي يولى كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەنكى قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش

قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىش قورساقنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئاغرىقنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولۇش، ھېق تۇتۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

ئەيدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل قوزغالغىچە بىر جەريان كېتىدۇ. كلىنىكىدا بۇ جەريان 4 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار: جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى، يوشۇرۇن باسقۇچ، ئەيدس كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە تىپىك ئەيدس كېسىلى باسقۇچى.

ئەرلەرنىڭ كىچىل قورسىقى ئاغرىش

1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر:ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ

بىرىنچى باسقۇچ، تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى. ئادەتتە، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېزلا ساقىيىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.

چوڭ تەرەت قارا بولۇش

چوڭ تەرەتنىڭ قارىداپ كېتىشىنى ھەزىم قىلىش يولى قاناشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، قان ئاشقازان ئۈچەي يولىدا ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ئاياللاردىن كۆپ يۇقىدىكەن

تەتقىقاتچىلارنىڭ كېنىيىلىك 500 نەپەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى تەكشۈرۈشىدە، ئۇلارنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا بىر خىل ئالاھىدە ئىرسىيەت گېنى بارلىقى بايقالغان، بۇنداق گېندىن قايسى ھۈجەيرىنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولىدىكەن ھەم سىگنال ئامىللىرى ئارقىلىق بۇنداق ھۈجەيرىگە بەلگە قويغىلى بولىدىكەن.

ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى

تۆمۈر ماددىسى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت. نورمال ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى5g~3g غىچە بولىدۇ(ئاياللاردا سەل ئازراق بولىدۇ). تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە.