دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

خلورنىڭ رولى

خلور ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق مىنېرال ماددا، خلورنىڭ ناترىي، كالىيلار بىلەن ھاسىل قىلغان بىرىكمىلىرى بەدەندە قاننىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىشتىھا بىنورمال بولۇش

ئىشتىھانىڭ بىنورماللىقى يېمەكلىككە بولغان قىزىقىش ۋە ئارزۇسىدا بىنورمال ئۆزگىرىش بولۇپ، قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك مىقدارىنىڭ ئېشىشى ياكى ئازىيىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىزنى يوشۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەتراپىدىكىلەردىن سىر تۇتىدىغان ئەھۋالى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپتىن يېنىدىكىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ تېخى داۋاسى چىقمىغان يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇۋاتقانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

ۋىتامىن P نىڭ رولى

ۋىتامىن P بىرخىل ئالاھىدە بىئوفلاۋونوئىد بولۇپ، ئۇ ۋىتامىن PP (نىكوتىن كىسلاتاسى) دىن بىرلا ھەرپ پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى ئوخشاشمايدۇ، رولىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىدۇ؟

ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن ئىبارەت. ئەيدىز ۋىرۇسى (ئىنسانلار ئىممۇنېتىنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇس) ئاساسلىقى ياردەمچى T ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

پاشا نىمىشقا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرالمايدۇ ؟

ئەيدىز ۋىروسى پاشا تىنىدە ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، ئەيدىز ۋىروسى ھېچ بولمىغاندا 0.1مىللىمىتېر قان بولسا ئاندىن يۇقىدۇ. پاشىنىڭ نەشتىرىگە چاپلاشقان قان 0.0004مىللىمىتېر ئەتىراپىدا بولغاچقا ۋىروسنى يۇقتۇرالمايدۇ. ئەگەر پاشا چېقىشتىن يۇقۇملىنىدىغان بولسا، بۇ چاققىچە ھەممىمىز ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۋالغان بولاتتۇق.

ئارىلاپ ئاشقازان ئاغرىش

ئارىلاپ ئاشقازان ئاغرىش قورساق ئاغرىش سېزىمى قانۇنىيەتسىز پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر

ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتە شامالداپ قېلىش، تارقىلىشچان زۇكام، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، ئورۇقلاپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ.

قەۋزىيەت بىلەن بىللە قورساق قاتتىق ئاغرىش

1. ئۈچەي توسۇلۇش:ئۈچەي يولى ماددىلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش ۋە قورساق قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۇسۇللىرى

ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەر(ناھىيە)دىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى(فاڭيىزەن) دە ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش (VCT)ئامبۇلاتورىيىلىرى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ، شۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ .