دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى

ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەلنى چېكىندۈرىدۇ. لېكىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

قورساق ئۈستۈنكى قىسىم ئاغرىش

ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر ۋە ئۆت خالتىسى قاتارلىق ئەزالار رايونىغا جايلاشقان ئاغرىق سېزىمىنى كۆرسىتىدۇ.

دۇنيا غالجىر كېسىلى كۈنى

دۇنيا غالجىر كېسىلى كۈنى ( World Rabies Day ،WRD ) يەر شارى خاراكتېرلىك ئاممىۋى ساغلاملىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ غالجىرلىق كېسىلى ( Rabies ) گە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر يىلى 9 ئاينىڭ 28 كۈنى، يەر شارىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، يەر شارى ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نىشانى غالجىرلىق كېسىلىنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش.

ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ھاسىل بولۇش جەريانى : ھۈجەيرىدىن تارتىپ ھاياتلىققىچە بولغان مۆجىزە

ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم نازۇك جەريان بولۇپ ،مېدىتسىنادا «ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى» ( Spermatogenesis ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جەريان ئاساسلىقى ئۇرۇقداندىكى ئىنچىكە نەيچە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۈتۈن جەريانغا تەخمىنەن 64 كۈندىن 72 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە پىشىپ يېتىلىشى ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى، بۇ جەريان بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن كېيىن بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىسپېرما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق : كېسەللىك ئالامىتى، سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا سېرىقلىق چۈشۈش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە. تەخمىنەن ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە %60 گە يېقىنى ۋە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا %80 گە يېقىن بولغان بوۋاقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. سېرىقلىق چۈشۈش بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بەدەندىكى بىلىرۇبىن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سېرىقلىق ئەھۋالى ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ 2 - 3 كۈندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، 1 - 3 ھەپتە ئىچىدە تەدرىجىي يوقايدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئەھۋالدا نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى چۈشىنىشى كېرەك.

ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

زەھەر ئىستېمال قىلىپ باقمىغانلار زەھەر ئىستېمال قىلىشنى سىناق قىلماسلىقى، زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەرنى دەرھال تاشلىشى  كېرەك. چۈنكى زەھەر ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسان يۇقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستېمال قىلغۇچىلار زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئاسان ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

قورساق كۆپۈش

قورساق كۆپۈش قورساق قىسمىدىكى يەل ياكى كۆپۈش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولۇش، ھېق تۇتۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كېلىدۇ.

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىلمىشلار

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلام بولمىغان قىلمىشلار تۆۋەندىكىدەك:

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

جىگەرنى ئاسراش دورىسى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار قايسىلار؟

گېموروي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى تۆت خىل كىشىلەر

ھەممىمىزگە مەلۇم، گېموروينىڭ پەيدا بولۇشى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر سىز تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسىڭىز، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ كېسەل سىزدىن يىراق ئەمەس.