دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

سۆڭەك بۆلۈمى بەدەننىڭ سۆڭەك، بوغۇم، مۇسكۇل، تارىمۇش قاتارلىق قىسىملاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئىشلارنى قىلىدىغان بۆلۈم. سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھەر خىل سۆڭەك كېسەللىكلىرى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، جاراھەت خاراكتېرلىك سۇنۇقتىن تارتىپ ئاستا خاراكتېرلىك بوغۇم كېسەللىكلىرىگىچە، بىمارلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشقا مەركەزلىشىدۇ. سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى مۇتەئەسسىپ داۋالاش ( مەسىلەن، فىزىكىلىق داۋالاش ۋە دورا بىلەن داۋالاش ) ۋە ھەر خىل ئوپېراتسىيىلىق داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دوختۇرخانىدىكى بۆلۈملەر ئىسىم تىزىملىكى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى

ھازىرقى زامان دوختۇرخانىلىرىدا، ھەر خىل بۆلۈملەر ئورتاق ھەمكارلىشىپ، بىمارلارنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر بۆلۈم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە دائىرىسىدە بىمارلارغا دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. تۆۋەندە دوختۇرخانىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بۆلۈملەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە تونۇشتۇرۇلۇشى بېرىلگەن بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئىچكى بۆلۈم، بالىلار بۆلۈمى، تاشقى بۆلۈم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

تېرىدە قاناش دېغى پەيدا بولۇش

تېرىدە قان دېغى پەيدا بولۇش تېرىدە قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭلىك كىچىك چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كىچىك چېكىتلەر قاننىڭ قان تومۇرلاردىن تېرە توقۇلمىلىرىغا سىرغىپ چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ھاۋالىق كۆكرەك كېسىلى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى يېرىلىپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا ھاۋا يىغىلىپ، تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

مۇنداق غىزالانغاندا چوڭ مېڭە 7.5 ياش ياشىرىدۇ

ئامېرىكا چىكاگو رۇش داشۆسى تېببىي مەركىزى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلار «مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان» يېمەكلىك بىلەن سىجىل غىزالانسا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى 7.5 يىل كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

ماسك: مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن بىمار سانى بۇ يىل 10 غا يىتىشى مۇمكىن

تېسلا CEO ئېلون ماسك شۇ يەر ۋاقتى 2 - ئاۋغۇستتا مەلۇم بىر تور پروگراممىسىدىكى زىيارىتىدە، مېڭە ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى Neuralink سىناق قىلىنغان 2 - بىمار تېنىگە مېڭە ئۇلاش ئېغىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھالقىسىمان RNA: راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتا

يېقىنقى زاماندا، تېببىي ئىلىم ساھەسى ھالقىسىمان RNA بىئولوگىيەسىدىكى مۇرەككەپلىكىنى يېشىپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ تەتقىقات راك كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئاۋسترالىيە فلىندېرس ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك راك كېسىلى قەرەللىك ژۇرنىلىنىڭ بىرى بولغان «تەبىئەت ئوبزورى.راك كېسىلى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى بەش - ئون يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ھالقىسىمان RNA تەتقىقاتى ، راك كېسىلىنى داۋالاش ۋە بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

مەقئەت ئەتراپىدىكى قىچىشىشنى قانداق بىتەرەپ قىلسا تېز ساقىيىدۇ؟

مەقئەت ئەتراپى قىچىشىشمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ. مەقئەت ئەتراپى قىچىشىش پەقەت تېرە مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كەينىگە ھەر خىل كېسەللىكلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.

داۋالاش سۈرئىتى 30% تېز بولغان توك چاپلاق ئىشلەپ چىقىرىلىشىدا ئۈمىد بار

ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل تەننەرخى ئەرزان، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى توكلۇق داكىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ داكا ئېلېكتىر مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئاستا خاراكتېرلىك يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن. ھايۋانات تەجرىبىسىدە، بۇ خىل توك داكا بىلەن يارا ئېغىزىنى داۋالاش ئەنئەنىۋى داكا بىلەن داۋالىغانغا قارىغاندا سۈرئىتى %30 تېز بولغان.

پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش

پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.