ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىقۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى قان بېسىمى گۇرۇپپا جەدۋىلى پەقەت قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان، بوۋاقلارغا، بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ.

قان بېسىمى جەدۋىلى قىسقىراش بېسىمى
(يۇقىرى بېسىم)
mm Hg
كېڭىيىش بېسىمى
(تۆۋەن بېسىم)
mm Hg
نورمال 120دىن تۆۋەن ۋە 80دىن تۆۋەن
يۇقىرى قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋىر 120 – 129 ۋە 80دىن يۇقىرى
يۇقىرى قان بېسىمى
(HYPERTENSION)
1-دەۋىر
130 – 139 ياكى 80 – 89
يۇقىرى قان بېسىمى
(HYPERTENSION)
2-دەۋىر
140 ۋەيا يۇقىرى ياكى 90 ۋەيا يۇقىرى
يۇقىرى قان بېسىمى كرىزىسى
(دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم)
180دىن يۇقىرى ۋە ۋەيا 120دىن يۇقىرى

New ACC/AHA High Blood Pressure Guidelines

مەزكۈر جەدۋەل ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتى \ ئامېرىكا يۈرەك بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2017 يىلى ئېلان قىلىنغانيۇقىرى قان بېسىم ئۆلچىمى قوللانمىسىغا ئاساسەن تۈزۈلدى. ئاخىرقى ئۆزگەرتىش، چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى مەزكۈر ئورۇنغا مەنسۈپ.

كېڭىيىش قان بېسىمى: 舒张压 Diastolic blood pressure

قىسقىراش قان بېسىمى: 收缩压 Systolic blood pressure 

يۇقىرى قان بېسىمى: 高血压 hypertension, high blood pressure، گاۋشۆيا

تۆۋەن قان بېسىمى: 低血压, hypotension, low blood pressure، دىشۆيا

قان بېسىمى: 血压, blood pressure

قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋرى: 高血压前期, prehypertension

يېڭى قان بېسىمى ئۆلچىمى بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا دىئاگنوز ئۆلچىمىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلەتكەچكە، ئىلگىرى قان بېسىمى 130\80 ئەتراپىدا بولغان كىشىلەر ھازىر قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋرىگە كىرگۈزۈلگەن. ۋە بۇ سەۋەبلىك كۆپىنچە كىشىلەرگە يۇقىرى قان بېسىمى دىگەن دىئاگنوز قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرچە ئۆزىڭىزگە زىيادە بېسىم قىلىۋالماڭ.

بۇ يېڭى بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى، يۇقىرى قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋىر ۋە يۇقىرى قان بېسىمى 1-دەۋىر دىكى كىشىلەر ئەگەر قان بېسىمى خەتەرلىك گۇرۇپتىكى كىشىلەرگە مەنسۈپ بولمىسا، ۋاقتىنچە دورىسىز داۋالىنىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. يەنى كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىنى تەڭشەش، چېنىقىش، تاماقلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، كەيپىيات تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەمما خەتەرلىك گۇرۇپقا مەنسۈپ بولغان كىشىلەر بولسا، چوقۇم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىشى لازىم.

قىسقىراش قان بېسىمى
يۇقىرى قىممىتى
(mm Hg)
ۋە\ۋەيا كېڭىيىش قان بېسىمى
تۆۋەن قىممىتى
(mm Hg)
تەۋە تۈر نىمە قىلىشىمىز لازىم؟
بۇ جەدۋەل قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىتا تۈزۈلگەن. بالىلار ۋە بوۋاقلارغا ماس كەلمەيدۇ.

نىمە قىلىش توغرىسدىكى تەۋسىيەمىز پەقەت قىسمەن كىشىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمى چىققان كىشىدە باشقا كېسەللىكلەر بولسا ۋەيا باشقا قوشۇمچە ئەھۋاللار بولسا چوقۇم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ تېخىمۇ توغرا ۋە مۇناسىپ تەۋسىيەلەرنى ئېلىشىڭىز لازىم.

Below 120 ۋە Below 80 نورمال قان بېسىمى ساغلام تۇرمۇش رېتىمىنى داۋام قىلىڭ
120-129 ۋە Below 80 يۇقىرى قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋىر ساغلام تۇرمۇش رېتىمىنى بەرپا قىلىڭ
130-139 ۋەيا 80-89 1-دەۋىر يۇقىرى قان بېسىمى ساغلام تۇرمۇش رېتىمىنى بەرپا قىلىش
دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ دورا ئىستىمال قىلىش قىلماسلىق ئۈچۈن تەۋسىيە ئېلىڭ.
140 or higher ۋەيا 90 or higher 2-دەۋىر يۇقىرى قان بېسىمى ساغلام تۇرمۇش رېتىمىنى بەرپا قىلىش
دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ دورا ئىستىمال قىلىشتا تەۋسىيە ئېلىڭ

 

بۇرۇنقى قان بېسىمى گۇرۇپپا ئۆلچىمى

قان بېسىمى تۈرلىرى قىسقىراش قان بېسىمى
يەنى يۇقىرى قىممىتى
(mm Hg)
كېڭىيىش قان بېسىمى
يەنى تۆۋەن قىممىتى
(mm Hg)
نورمال دىن تۆۋەن 120 80 ۋەيا بۇنىڭدىن تۆۋەن
يۇقىرى قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋرى 120-139 80-89
1-دەۋىر يۇقىرى قان بېسىمى 140-159  90-99
2-دەۋىر يۇقىرى قان بېسىمى  ۋەيا بۇنىڭدىن يۇقىرى 160  ۋەيا بۇنىڭدىن يۇقىرى100

 

تۆۋەن قان بېسىمى دائىرىسى

قىسقىراش قان بېسىمى
يەنى يۇقىرى قىممىتى
(mm Hg)
كېڭىيىش قان بېسىمى
يەنى تۆۋەن قىممىتى
(mm Hg)
قان بېسىمى دائىرىسى
90 60 تۆۋەن قان بېسىمى ئاستى چېكى
60 40 قان بېسىمى زىيادە تۆۋەن
50 33 خەتەرلىك تۆۋەن قان بېسىمى

 

نورمال قان بېسىمى دائىرىسى
قىسقىراش قان بېسىمى
يەنى يۇقىرى قىممىتى
(mm Hg)
كېڭىيىش قان بېسىمى
يەنى تۆۋەن قىممىتى
(mm Hg)
قان بېسىمى دائىرىسى
120 80 نورمال قان بېسىمى
110 75 نورمال قان بېسىمدىن
بىرئاز تۆۋەن

 

ياشقا نىسبەتەن قان بېسىم قىممەتلىرى

ياش قىسقىراش بېسىم كېڭىيىش بېسىم
ئەرلەر
21-25 120.5 78.5
26-30 119.5 76.5
31-35 114.5 75.5
36-40 120.5 75.5
41-45 115.5 78.5
46-50 119.5 80.5
51-55 125.5 80.5
56-60 129.5 79.5
61-65 143.5 76.5
ئاياللار
21-25 115.5 70.5
26-30 113.5 71.5
31-35 110.5 72.5
36-40 112.5 74.5
41-45 116.5 73.5
46-50 124 78.5
51-55 122.55 74.5
56-60 132.5 78.5
61-65 130.5 77.5

 

بۇ ماقالىمىزدە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

نورمال قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

تۆۋەن قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمى ئالدىنقى دەۋرى دە قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمى كرىزىسى ئەھۋالىدا قان بېسىمى قانچە بولىدۇ؟

قان بېسىمى قانچە نورمال؟

قان بېسىمى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-07 / 08:29:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ