دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4487 يازمىسى بار

يۇقىرى قان بېسىم يۈرەك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

يۈرەك بىلەن ئۆپكە بىر كۆكرەك بوشلۇقىدا بولۇپ، گەرچە ئىككىسىنىڭ ئورنى مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. قان ئۆپكىدە ھاۋا ئالمىشىشنى تاماملاپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەلباغسىمان قوقاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ

بەدەندە بەلباغسىمان قوقاق ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ %55تىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بەل، قورساق قىسمى، باش، يۈز قىسمى، پۇت-قول قاتارلىقلار.

سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىتتا ساقىيىدۇ

سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى داۋالاش ۋاقتىنى بىمارنىڭ ئەمەلىي كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش كېرەك. ھەر بىر بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىدىمۇ پەرق بولىدۇ.

كىچىك تىل ئىششىش

كىچىك تىل ئىششىقى دېگىنىمىز، ئېغىز ئىچىدىكى كىچىك تىل توقۇلمىلارنىڭ ئىششىپ قېلىشى ياكى يوغىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يۇقۇملىنىش، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى ياكى باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەر ۋە ئەيدىز

مېتادون بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاش شپىرىسنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مېتادون بىلەن داۋالاش ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان قۇلايلىق، قانۇنلۇق، تېببىي جەھەتتىن بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

تارتىشىپ قېلىش

تارتىشىش مۇسكۇللارنىڭ تۇيۇقسىز، ئاڭسىز ھالدا قىسقىرىشى ۋە بوشىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئاغرىق ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئۇ بەلكىم كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن تۇتقاقلىق، مېڭە زەخىملىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

قۇلاق غوڭۇلداش

قۇلاق غوڭۇلداش سىرتقى ئاۋازنىڭ غىدىقلىشى بولمىغان ئەھۋالدا، شاۋقۇن ياكى ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇنى كۆرسىتىدۇ. 

قان پلاستىنكىلىرى سانى PLT

قان پلاستىنكىلىرى سانى ( Platelet Count ،PLT )  تەكشۈرۈشى ھەر مىكرولىتىر ( L ) قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قان پلاستىنكىلىرى قاننىڭ ئۇيۇشى ۋە يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى جەريانىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. نورمال قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى قاننىڭ نورمال ئېقىشىنى ساقلاش ۋە زىيادە قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. PLT ئۆلچەش ھەر خىل قان كېسەللىكلىرى ،قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە قان ئۇيۇش توسالغۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تارقىلىش كەڭلىكى RDW

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تارقىلىش كەڭلىكى ( Red Cell Distribution Width ،RDW ) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئادەتتە پىرسەنت ( %) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تارقىلىش كەڭلىكى ( RDW ) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەجىمىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

بۇ خىل كىشىلەر ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ

ھەسەل ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئېچىپ پايدىلانغان تاتلىق تەم خۇرۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. جۇڭيى تېبابىتىدە ھەسەلنىڭ دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.