قان پلاستىنكىلىرى سانى ( Platelet Count ،PLT ) تەكشۈرۈشى ھەر مىكرولىتىر ( L ) قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. قان پلاستىنكىلىرى قاننىڭ ئۇيۇشى ۋە يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى جەريانىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. نورمال قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى قاننىڭ نورمال ئېقىشىنى ساقلاش ۋە زىيادە قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. PLT ئۆلچەش ھەر خىل قان كېسەللىكلىرى ،قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە قان ئۇيۇش توسالغۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: قان پلاستىنكىلىرى سانى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Platelet Count
خەنزۇچە ئىسمى: 血小板计数
تۈركچە ئىسمى: Trombosit, Trombosit sayımı
قىسقارتىلىشى: PLT
نورمال سەۋىيىسى:
ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى: 150 ~ 450 × 10 ^ 9/L
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى: 150 ~ 450 × 10 ^ 9/L
قان پلاستىنكىلىرى سانىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى:
قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ئادەتتە ئاپتوماتىك قان ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان ئەۋرىشكىسى ئانالىز قىلىش ئەسۋابىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە سانايدۇ. كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش: ئادەتتە ۋېنا تومۇردىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىدۇ.
ئەۋرىشكىنى بىر تەرەپ قىلىش: قان ئەۋرىشكىنى تەركىبىدە قان ئۇيۇشقا قارشى ماددا بولغان پروبىركىغا سېلىپ، قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قان ئەۋرىشكىسى مەخسۇس تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىلىدۇ. ئادەتتە چوڭراق دوختۇرخانىلاردا بىردىن تەجرىبىخانا بولىدۇ.
ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆلچەش: ئەۋرىشكە ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىش ئەسۋابىغا كىرگۈزۈلۈپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ئېلىنىدۇ.
بۇ جەريان تېز، توغرا بولۇپ، نورمالدا 1 سائەت ئىچىدە نەتىجىسى چىقىدۇ.
قان پلاستىنكىلىرى سانى ئەر – ئاياللاردىكى پەرقى:
ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى: 150 ~ 450 × 10 ^ 9/L
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى: 150 ~ 450 × 10 ^ 9/L
قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ئەر – ئاياللار ئارىسىدا ئادەتتە روشەن پەرق بولمايدۇ، نورمال دائىرىسى ئادەتتە 150,000-450,000 دانە /µL بولىدۇ. گەرچە يەككە تەندىكى پەرق ۋە فىزىيولوگىيەلىك ھالەت يېنىك داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن PLT قىممىتى ئادەتتە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. بۇ مەيلى جىنسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،PLT بىر ئىشەنچلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قان پلاستىنكىلىرى سانىنىڭ ئىقتىدارى:
قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى قاننىڭ ئۇيۇشى ۋە يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا قاتنىشىشتۇر. قان تومۇرلار زەخىملەنگەندە، قان پلاستىنكىلىرى تېزلىكتە زەخىملەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ توسۇلۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاناشنى توسىدۇ. قان پلاستىنكىلىرى يەنە كۆپ خىل خىمىيەلىك فاكتورلارنى قويۇپ بېرىپ، قاننىڭ ئۇيۇشى ۋە يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قان پلاستىنكىلىرى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى ۋە ئىممۇنىتېتنى تەڭشەشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، نورمال قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى ۋە ئىقتىدارى بەدەننىڭ قان توختىتىش ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.
قان پلاستىنكىلىرى سانى كلىنىكىدا قوللىنىش:
قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانى كىلىنىكىدا كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئالدى بىلەن ، قان پلاستىنكىلىرى سانى ( PLT ) ئۆلچەش ئارقىلىق ،قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە قان ئۇيۇش توسالغۇسىنى باھالىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش كېسىلى ئۆزلۈكىدىن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، قان پلاستىنكىلىرى كۆپىيىش كېسىلى قان نۆكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن قالسا ،قان پلاستىنكىلىرى سانى ( PLT ) ئۆزگىرىشىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، مەسىلەن خىمىيەلىك داۋالاش ياكى يىلىك كۆچۈرۈش جەريانىدا قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا قان پلاستىنكىلىرى سانى ( PLT ) يەنە يىلىكنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ۋە يوشۇرۇن قان كېسەللىكلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن ئاق قان كېسىلى ۋە قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلار.
قان پلاستىنكىلىرى سانى بىنورمال كۆپىيىشنىڭ سەۋەبى:
1. رېئاكسىيە خاراكتېرلىك قان پلاستىنكىلىرى كۆپىيىش كېسىلى: يۇقۇملىنىش، ياللۇغ، جاراھەت ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئورگانىزمدا ۋاقىتلىق قان پلاستىنكىلىرى كۆپىيىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. يىلىك كۆپىيىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: مەسىلەن بىرلەمچى قان پلاستىنكىلىرى كۆپىيىش كېسىلى، ھەقىقىي قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى، بۇ كېسەللىكلەر يىلىكتە زىيادە كۆپ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق: تۆمۈر كەملىك قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
4. تالنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: تال قان پلاستىنكىلىرىنى ساقلايدىغان ۋە بۇزىدىغان ئورۇن بولغاچقا، كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. ئۆسمە: بەزى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
6. ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ: ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قان پلاستىنكىلىرى سانى بىنورمال ئازىيىشىنىڭ سەۋەبى:
1. قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق: يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى تورمۇزلىنىپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئازلايدۇ.
2. ئاق قان كېسىلى: يامان سۈپەتلىك قان كېسىلى بولۇپ، نورمال قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ.
3. خىمىيەلىك داۋالاش ياكى رادىياتسىيەلىك داۋالاش: راك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك دورىلار ياكى رادىياتسىيەلىك داۋالاش يىلىكنى تورمۇزلاپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. پەۋقۇلئاددە كۆرۈلىدىغان قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ ( ITP ): ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك بولۇپ ،ئورگانىزم ئانتىتېلا ھاسىل قىلىپ قان پىلاستىنكىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
5. جىگەر قېتىشىش: جىگەر ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق تالنىڭ كېڭىيىشى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆپەيتىپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. دورىنىڭ تەسىرى: بەزى دورىلار، مەسىلەن، ئانتىبىئوتىك، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قان پلاستىنكىلىرى سانى ( PLT ) قان تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، كىلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ۋە باشقۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. توغرا ئۆلچەش ۋە باھالاش ئارقىلىق بىمارلاردىكى يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى بالدۇر بايقاپ ۋە توغرا بولغان داۋالاش ئېلىنىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.