ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىمىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەر ۋە ئەيدىز

مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەر ۋە ئەيدىز

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مېتادون بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاش شپىرىسنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مېتادون بىلەن داۋالاش ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان قۇلايلىق، قانۇنلۇق، تېببىي جەھەتتىن بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

مېتادون بىلەن داۋالىغاندا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەرنى ئۇزاققىچە قانۇنسىز ئىشلىتىشىدىن ساقلانغىلى ھەم ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلارنىڭ خروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

زەھەر چەككۈچىلەرگە مېتادوننى ئۇزاققىچە ئىشلىتىش بىلەن بىللە، پسىخىكا جەھەتتىن داۋالاش، ھەرىكەت جەھەتتىن ئارىلىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ئۇلار نورمال كىشىلەردەك ياشىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن شپىرىسنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

مېتادون بىلەن داۋالاشتا كۈنىگە بىرلا قېتىم دورا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر بىر قېتىمغا ئون يۈەن كېتىدۇ.  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېتادون بىلەن داۋالايدىغان ئامبۇلاتورىيىدىن بەشى بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 – دوختۇرخانا مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، داۋان يېزىلىق دوختۇرخانا مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، تۇدۇڭخابا رايونلۇق مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر زاۋۇتى رايونىنىڭ جەنۇبىي بازىرى مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىدۇر.

مېتادون بىلەن داۋالانماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:

(1) زەھەر تاشلاش ئۈچۈن كۆپ قېتىم داۋالانغان بولسىمۇ يەنىلا خۇمىرى تۇتۇپ تۇرغانلىقتىن ئەپيۈن تۈرىدىكى زەھەرلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار بولۇشى؛

(2) يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن بولغانلار بولۇشى؛

(3) مېتادون بىلەن داۋالاش ئورۇنلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر، رايون)لاردا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بولۇشى ياكى شۇ ئورۇندا تۇرغىلى ئالتە ئايدىن ئاشقان ھەم ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئالغان سىرتتىن كەلگەنلەر بولۇشى؛

(4) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلار بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، مېتادون بىلەن داۋالانغاندا چوقۇم كۈندە دورا ئىچىپ تۇرۇشى؛ زەھەردىن ئۆزىنى چەكلىشى، ناركوز دورىلىرى ياكى غىدىقلاش تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى؛ قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا مورفىن تەكشۈرتۈشىنى قىلدۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-01 / 11:42:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ