دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4568 يازمىسى بار

ئەسنەش – نىمە ئۈچۈن ئەسنەيمىز؟

ئەسنەش — ئىنسانلار ۋە نۇرغۇن ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا كۆرۈلىدىغان تەبىئىي فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە. گەرچە بىز كۈندە بىر قانچە قېتىم ئەسنەپ تۇرساقمۇ، لېكىن بۇ جەرياننىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ بەدەن ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى نۇرغۇن كىشىلەرگە نامەلۇم. 

تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى تۈرلىرى، سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش پىرىنسىپلىرى

تۇغما يۈرەك كېسەللىكى (Congenital Heart Disease - CHD) — بوۋاق تۇغۇلغاندا يۈرىكىنىڭ قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە خىل نۇقسانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۈرەك ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى سەككىز ھەپتىسى ئىچىدە شەكىللىنىپ بولىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدىكى ھەر قانداق توسالغۇ يۈرەك دىۋارلىرى، كلاپانلىرى ياكى تومۇرلىرىنىڭ نورمالسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلى دۇنيادا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇغما نۇقسان بولۇپ، ھەر 1000 بوۋاقتىن تەخمىنەن 8 دىن 10 غىچە بوۋاقتا بۇ ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

شىمالىي ياۋروپاچە ئۇسۇل: بوۋاقلارنى سوغۇق ھاۋادا ئۇخلاتقۇزۇش ئۇسۇلى

شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدە بوۋاقلارنى قىش كۈنلىرىدىمۇ سىرتتىكى سوغۇق ھاۋادا ئۇخلاتقۇزۇش ئۇزۇن يىللىق بىر ئەنئەنە ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە بۇ بىر خەتەرلىك ئىشتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما زامانىۋى تەتقىقاتلار بۇ خىل ئادەتنىڭ بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتىغا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. سوغۇق ھاۋا بوۋاقلارنىڭ بەدەن فۇنكسىيەسىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاساس سالىدىكەن.

بەدەننىڭ ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقى ۋە ساغلام ئوزۇقلىنىش توغرىسىدا لېكسىيە

تەييارلىغۇچ: شاۋكەت ئوبۇلقاسىم (ئىستانبۇل چام-ساكۇرا دوختۇرخانىسى) بۇ لېكسىيەدە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە ساغلام يول بىلەن ئورۇقلاش توغرىسىدا مۇھىم بىلىملەر بېرىلگەن بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ:

رېنتىگېن (X-ray)، CT ۋە MRI نىڭ پەرقى نېمە؟ قايسىسى ئەڭ ياخشى؟

دوختۇرخانىغا بارغىنىمىزدا، دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىمىزغا قاراپ بىزنى ئوخشىمىغان تەسۋىر تەكشۈرۈشلىرىگە بۇيرۇيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر «رېنتىگېن»، «CT» ۋە «MRI» (ماگنىتلىق رېزونانس) نىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقىنى، قايسىسىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر «باھاسى قىممەت بولغىنى ئەڭ ياخشىسى» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھەر بىر تەكشۈرۈشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئورنى بار.

بوۋاق بالىلاردا ئاڭلاش سېزىمىدىكى مەسىلىلەر قانچە بالدۇر ئەسلىگە قايتسا مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە پايدىسى بولىدىكەن

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاڭلاش ئىقتىدارى پەقەت ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مېڭىنىڭ نورمال قۇرۇلما ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلىق مەزگىلى مېڭە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۆزنىكى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۇغما ئاڭلاش توسالغۇسى بار بوۋاقلاردا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغاندا، مېڭىنىڭ تىل ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك رايونلىرىنىڭ يېتىلىشى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

تۇرۇبا سۈيى، قاينىتىلغان سۇ، مىنېرال سۇ ۋە ساپلاشتۇرۇلغان سۇ قايسى بەدەنگە ئەڭ پايدىلىق؟

سۇ — ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، بەدەن ساغلاملىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بىز كۈندە ئىچىۋاتقان سۇنىڭ سۈپىتى، بۆرەك ساغلاملىقىمىزدىن تارتىپ تېرىمىزنىڭ رەڭگىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۆيدىكى تۇرۇبا سۈيى، ئۇنى قاينىتىپ ئىچىش، بازاردىكى مىنېرال سۇلار ياكى ئۆيگە ئورنىتىۋالغان سۇ ساپلاشتۇرۇش ماشىنىسى (su arıtma cihazi / water purifying equipment) دىن چىققان سۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بار.

بىر كۈن ئىچىدە قايسى ۋاقىتتا چېنىقسا ئەڭ ئۈنۈملۈك؟

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغلىشىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن «قايسى ۋاقىتتا چېنىقىش كېرەك؟» دېگەن سوئال ھەمىشە قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر تاڭ سەھەردە يۈگۈرۈشنى ياقتۇرسا، يەنە بەزىلەر بىر كۈنلۈك خىزمەت بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كەچتە چېنىقىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى سىزنىڭ بەدەن سائىتىڭىز (بىئولوگىيەلىك سائەت)، نىشانىڭىز ۋە شەخسىي تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە باغلىق بولىدۇ. 

ئۇيقۇڭىز يېتەرلىك بولمىغاندا بەدەن ساغلام ئوزۇقلۇقلارنىمۇ ئارتۇقچە ياغقا ئايلاندۇرىدۇ

نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ چېنىقىدۇ ۋە قاتتىق پەرھىز تۇتىدۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ئەگەر سىزمۇ «مەن ئاز يەۋاتىمەن، لېكىن نېمىشقا ئورۇقلىيالمايمەن؟» دەپ ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، بەلكىم ئاچقۇچلۇق مەسىلە سىزنىڭ نېمە يېگەنلىكىڭىزدە ئەمەس، بەلكى قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيقۇ ئارامنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ، سىزنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ.

4.5 كىلوگرام ئورۇقلىغاندا تىزغا بولغان 18 كىلوگراملىق بېسىم ئازىيىدىكەن

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تىز ئاغرىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تىز ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دورا يەيدۇ ياكى تۈرلۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. ئەمما، ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بەلكىم «ئورۇقلاش» بولۇشى مۇمكىن. يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاز بولسىمۇ ئورۇقلىغاندا تىز بوغۇملىرىغا چۈشىدىغان بېسىمنى ھەسسىلەپ ئازايتىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك تىز ئاغرىقىغا سەللىمازا پايدا قىلىدىكەن.