دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4346 يازمىسى بار

بۆرەك شورىغۇچى ۋە بۆرەك جامى قاناش

بۆرەك ئەمچەك توپچىسى ۋە بۆرەك جامى قاناش بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەمچەك توپچىسى ۋە بۆرەك جامى رايونىدىن قان چىقىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قاناشنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يۇقۇملىنىش، تاش چۈشۈش، ئۆسمە ياكى باشقا بۆرەك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۇغما خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى بىر خىل تۇغما جىنسىي ئەزا يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقى بولۇپ، ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ياكى باشقا نورمالسىزلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كەمتۈكلۈك خەتنىلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق، خەتنىلىك ئېغىزى تار بولۇش، خەتنىلىك شەكلى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا چېتىلىشى مۇمكىن. خەتنىلىك كەمتۈكلۈكىنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا يۈزىمىزنى يۇيىمىز؟

ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزدا، كومپيۇتېر ۋە يانفون خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىشتىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى. مەيلى كېچىچە ئىسمېنا ئىشلەش ، تورغا چىقىش ياكى ئويۇن ئويناش ۋە فىلىم كۆرۈش بولسۇن، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى يۈز يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ھاۋالىق كۆكرەك

ھاۋالىق كۆكرەك دېگىنىمىز، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا ( يەنى ئۆپكە بىلەن كۆكرەك دىۋارى ئارىسىدىكى بوشلۇق ) ھاۋا كىرىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش ھاۋا سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە يەل كۆكرەك دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

ۋىتامىن A نىڭ رولى

ۋىتامىن A ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ۋىتامىن A نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتى بولۇپ، پەقەت ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىلا مەۋجۇت بولىدۇ: يەنە بىرخىلى ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى پروۋىتامىن A,B –كاروتىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ.

مايلىق تولغاق ( دىزېنتېرىيە )

مايلىق تولغاق بىر خىل ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى چوڭ تەرەتتە كۆپ مىقداردا ماي ۋە ماي تامچىسى بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى باشقا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار قۇۋۋەت دورىسى، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم بولۇپ، قوشۇمچە تەسىرى ئاز، بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى يېگەندەك خالىغانچە يەيدۇ. ئىستېمال قىلىشى قانۇنىيەتسىز بولۇپ، بەزىدە تاماقتىن بۇرۇن يېسە، بەزىدە تاماقتىن كېيىن يەيدۇ. كۆپ ساندىكى دوختۇرلارمۇ ۋىتامىننى زادى قايسى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىش كېرەكلىكىنى بىمارلارغا ئېنىق ئېيتمايدۇ.

بۆرەك رايونىنى باسقاندا ئاغرىش

بۆرەك رايونىنى باسقاندا ئاغرىش بۆرەك تۇرۇشلۇق رايونغا بېسىم قىلغاندا پەيدا بولىدىغان ئاغرىق ياكى بىئاراملىق تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئاغرىقنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۆرەك يۇقۇملىنىش، تاش چۈشۈش ياكى باشقا بۆرەك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساغلام ياشاي دېسىڭىز بۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ!

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلام ياشاش ئۈچۈن ئۈچەيدە زەھەر يىغىلىپ قالماسلىقى كېرەك. كونىلاردا: «ئەگەر بەدىنىم تېخىمۇ ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، قورسىقىڭىز كۆپۈپ كەتمىسۇن، ئازراق يەڭ، ئازراق ئاچلىق ھېس قىلىپ تۇرسىڭىز، ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟

تاماقتىن كېيىنلا چوڭ تەرەت قىلىش قانداق ئىش؟

بەزى كىشىلەر كۆپچىلىك بىلەن يەل قازان شورپىسى يەۋاتقاندا، قازاندىكى نەرسىلەرنى سۈزۈپ بولمايلا قاچىنى قويۇپ، تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئادەتتە «تۈز ئۈچەي» دەپ قويىدۇ. تاماقنى يەپ بولۇپلا چوڭ تەرەت قىلىش ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى ئاشقازان، ئۈچەيدىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ بىز بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.