تۇغما خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى بىر خىل تۇغما جىنسىي ئەزا يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقى بولۇپ، ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ياكى باشقا نورمالسىزلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كەمتۈكلۈك خەتنىلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق، خەتنىلىك ئېغىزى تار بولۇش، خەتنىلىك شەكلى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا چېتىلىشى مۇمكىن. خەتنىلىك كەمتۈكلۈكىنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئۇيغۇرچە: تۇغما خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى
ئىنگىلىزچە: congenital preputial defect
خەنزۇچە: 先天性包皮缺陷
تۈركچە: doğumsal prepusyal defekt

تۇغما خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى

خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى كۆپ ئۇچرايدىغان تىپلىرى

1. خەتنىلىك زىيادە قىسقا بولۇش : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىكى زەكەر بېشىنى تولۇق قاپلىيالماي، زەكەر بېشىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال زەكەر ئۇچىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئۆسۈش جەريانىدا يەرلىك ئورۇننىڭ ئاغرىشى ياكى سۈركىلىپ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

2. خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن بولۇش : خەتنىلىك بىر قەدەر ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئېغىزى يىتەرلىك دەرىجىدە تەبىئىي ئايرىلمىغاچقا، خەتنىلىك ئېغىزى زىيادە تار بولۇپ قېلىپ، خەتنىلىكنى ئارقىغا ئىتتىرگىلى بولماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى، سۈيدۈك قالدۇقلىرى خەتنىلىك ئىچىدە قېلىپ ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

3. خەتنىلىك قىسىۋېلىش ( خەتنىلىك ئېغىزى تار بولۇش ) : خەتنىلىك ئېغىزى بەك تار بولۇپ، سىرتقا ئۆرۈلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن زەكەر بېشىنىڭ خەتنىلىك ئېغىزىدىن ئېچىلىپ چىقىشى تەسلىشىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكىلىرى چوڭ بولۇش جەريانىدا تەبىئىي ياخشىلىنىدۇ.

4. يوشۇرۇن زەكەر : خەتنىلىكنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇشى ياكى ماينىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى زەكەرنىڭ ئەتراپتىكى توقۇلمىلارغا «يوشۇرۇنۇۋېلىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دائىم خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى ئەگىشىپ كېلىپ، سۈيدۈك چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈشى ياكى قىسمەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

خەتنىلىك كەمتۈكلۈك سەۋەبلىرى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكىنىڭ سەۋەبى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ئىرسىيەت، ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسى، ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىكى مەسىلىلەر… قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خەتنىلىك زىيادە قىسقا بولۇش، زىيادە ئۇزۇن بولۇش قاتارلىقلار ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا قىسمەن قان ئېقىمى، ھورمون سەۋىيەسى، گېن قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. يەنە بىرسى ئەگەر بىرىنجى ئەركەك بوۋاقتا يۇقارقى مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئىككىنجى ئەركەك بوۋاقتىمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

خەتنىلىك كەمتۈكلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە تەسىرلىرى

خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال سىيىش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. سىيىشتا قىيىنلىشىش : خەتنىلىك ئېغىزى تار بولسا، سىيىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا سۈيدۈك تەتۈر ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

2. يەرلىك ئورۇن يۇقۇملىنىش : خەتنىلىكنىڭ بىنورمال قۇرۇلمىسى ئاسانلا زەكەر بېشى ياللۇغى، خەتنىلىك ياللۇغى قاتارلىق يەرلىك ئورۇندىكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ خەتنىلىكنى تەبىئىي ئېچىپ تازىلىغىلى بولمىغان ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

3. سۈركىلىپ بىئارام بولۇش : خەتنىلىك زىيادە قىسقا بولغان ئەھۋالدا، يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسى سەزگۈر بولۇشى، ھەتتا سۈركىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى كۆرۈلگەندە قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى بايقالغاندا، بالىلار تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى دىئاگنوز قويۇش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكىگە دىئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى دوختۇرنىڭ كلىنىكىلىق تەكشۈرۈشىگە تايىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، دوختۇر خەتنىلىكتە نۇقسان بار – يوقلۇقى ھەمدە كەمتۈكلۈكنىڭ تىپى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى باھالىسا بولىدۇ.

بىر قىسىم ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا، دوختۇر بەلكىم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوپىراتسىيە ياكى باشق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.

 

خەتنىلىك كەمتۈكلۈك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى

كۆپ ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى يېتىلىش جەريانىدا تەبىئىي ياخشىلىنىدۇ، شۇڭا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش ياكى داۋالاش ھاجەتسىز. تۆۋەندىكىسى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى:

1. قەرەللىك كۈزىتىش : خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. شۇڭا دوختۇرلار ئادەتتە قەرەللىك كۈزىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

2. تازىلىققا دىققەت قىلىش : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئىلمان سۇ بىلەن تازىلاپ ئاندىن قۇرۇغداپ تۇرۇش كېرەك.

3. خەتنىلىكنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى : بەزى خەتنىلىك ئېغىزى تار بولغان ئەھۋالدا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خەتنىلىكنى كېڭەيتىشنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل دوختۇرلار تەرىپىدىن ئېھتىياتلىق مەشغۇلات قىلىپ، تېرىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش : خەتنىلىك بىر قەدەر ئېغىر بولغان كەمتۈكلۈك، مەسىلەن، خەتنىلىك قىسىۋېلىش ياكى يوشۇرۇن زەكەر قاتارلىقلارغا قارىتا، دوختۇر بالا سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن خەتنىلىكنى ھالقىسىمان كېسىش ياكى باشقا شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ئىقتىدارى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ياخشىلاش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن.

 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىلىك كەمتۈكلۈكى كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇغما يېتىلىش نورمالسىزلىقى بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋالدا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تەبىئىي ياخشىلىنىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ خەتنىلىك ئەھۋالىنى قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرۇشى، تازىلىققا دىققەت قىلىشى، ئەگەر ھەرقانداق بىئاراملىق ياكى بىنورمال كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىش – قىلماسلىقنى ئويلىشىپ، بوۋاقنىڭ ساغلاملىقى ۋە نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-27 / 10:57:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ