دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4476 يازمىسى بار

ئۇخلاش ھالىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

ھامىلدارلار: سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ئەڭ ياخشى ، لېكىن ئوڭدا ياتسا بولمايدۇ . تۇغۇتلۇقلار: ئەڭ ياخشىسى دائىم دۈم يېتىشى كېرەك ، مۇشۇنداق قىلىش نىپاس خۇننىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق .

تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

ھازىر كۆپىنچە ئانىلار خىزمەتتىكى ئاياللار بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ تۇغۇت ئارامى بولسىمۇ، بىراق بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئانا سۈتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، پەقەت ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كەچلىكى بىر قېتىم بالىنى ئېمىتەلەيدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تەركىب جەھەتتە ئانا سۈتىگە ئاساسەن يېقىنلاشقان شۇنداقلا بەك قۇلاي بولسىمۇ بىراق ئۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى مەلۇم تەركىبلەر ئايرىم بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەۋسىيىلىرى

ئاتا –ئانىلار بالىلارنى مەقسەتلىك ھالدا يېتەكلىسە،تەربىيلىسە ئۇلارنىڭ ئورگانىزىمى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن.تۆۋەندە ئاتا ـ ئانىلارغا بىر يېرىم ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ساۋاتنى كونكرېت كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئانا سۈتىدە زادى نېمە بار؟

بولغۇسى ئانىلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ھەممە كىشىلەر ئانا سۈتى ياخشى دەيدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىشچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن.

ئانا سۈتى قانداق پەيدا بولىدۇ ؟

ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالا قورساقتىن چۈشكەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن سۈت كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ، بۇ خىل مۆجىزە تەڭرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىش ئانىلارغا بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ.

بالا ئىمىتىش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولامدۇ ؟

بالا ئېمىتىش بىر خىل تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك جەريان بولۇپ، بوۋاقنى كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە دائىم ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، بالا ئېمىتىش بىلەن ئورۇقلاش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا كۆپ خىل كۆز قاراش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى مەۋجۇت. 

بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن باقسا بولامدۇ؟

بالا بالدۇر تۇغۇلغانىكەن، تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئەينەك ئىچىدە تۇرىدۇ. كۆزىنى ئاچمىغان، چاچلىرى شالاڭ ھالەتتە ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىدا ياتقان بالىڭىزغا قارىغاندا، ئانىنىڭ ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى ئېمىتكۈسى كېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنى ئېمىتسە بولامدۇ؟  ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىدا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارغا نىسبەتەن گۆھەر بولۇپ، يامان خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

قانداق ۋاقىتتا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش كېرەك؟

نۇرغۇن يېڭى ئاتا - ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىغا قاچان قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشنى بېكىتىش دائىم سورايدىغان مۇھىم مەسىلە. مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق باسقۇچ، شۇڭا بۇ جەرياننى چۈشىنىشنىڭ توغرا پەيتى ۋە ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم.

بالىلار ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلاشنى ياخشى كۆرەمدۇ؟

ئۇيقۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئاتا - ئانىسى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىش ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. نۇرغۇن بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلايدۇ. 

بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىدىكى ئاق داغلار نىمىنى بىلدۈردۇ ؟

بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىدا ئاق داغ پەيدا بولۇش ئەھۋالى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارغا نىسبەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. بۇنى كۆپ خىل ئوخشاش بولمىغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى بوۋاقلار تىرنىقىدىكى ئاق داغ توغرىسىدىكى تەپسىلىي ماقالە بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھادىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.